مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

12-‏بۆلۈم

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ!‏

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ!‏

خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ھوشيار ۋە سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏ دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس ھۆركىرە‌يدىغان شىردە‌ك بىرە‌رسىنى يۇ‌تماقچى بولۇ‌پ ئىزدە‌پ يۈرىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏8‏)‏.‏ شە‌يتان قانداق قىلىپ سىزنى ئىمان-‏ئېتىقاد يولىدىن ياندۇ‌رۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

سىز شۇ‌نىڭدە‌ك قارشىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌نمۇ؟‏

شە‌يتان باشقىلار،‏ بولۇ‌پمۇ ئۆز يېقىن كىشىلىرىمىز ئارقىلىق بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ماسلىققا قىستىشى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌شۇ توغرىسىدا،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «ئادە‌منىڭ دۈشمە‌نلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلە‌ر بولىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئالدىن ئېيتقان (‏مە‌تتا 10:‏36‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ شۇ ياخشى نىيە‌تلىك ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌تنىڭ بارلىقىدىن خە‌ۋە‌رسىز بولۇ‌شى ياكى باشقىلارنىڭ سۆز-‏چۆچە‌كلىرىدىن قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئىنسانلاردىن قورقۇ‌ش كىشىگە تۇ‌زاق بولار،‏ بىراق يە‌ھۋاغا ئىشە‌نگە‌ن كىشى قوغدىلىنار»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏25‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئىنساننى خۇ‌ش قىلىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى توختاتسىڭىز،‏ خۇ‌دا خۇ‌ش بۇ‌لارمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىمىزدا،‏ خۇ‌دا بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ «بىز ئارقىغا چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى جېنىمىزنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن ئىمان-‏ئېتىقادقا ئىگە بولغانلاردىنمىز»‏‏.‏‏—‏ ئىبرانىيلار 10:‏39‏.‏

ئىلگىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن دۇ‌ماسنىڭ ھايات سە‌رگۈزە‌شتىلىرىنى ئە‌سلە‌پ كۆرسە‌ك،‏ دە‌سلىپىدە ئۇ‌نىڭ ئايالى ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادنى مازاق قىلغان.‏ بىراق،‏ ئۇ كېيىنچە ئېرىگە قۇ‌شۇ‌لۇ‌پ بىرلىكتە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌گە‌ر سىز توغرا يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇ‌رسىڭىز،‏ سىز بە‌لكىم دوستلىرىڭىز ۋە يېقىن كىشىلىرىڭىزگە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۇ‌لارمۇ ئۆگىنىشى مۇ‌مكىن.‏ نۇ‌رغۇ‌ن بولۇ‌پ ئۆتكە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ردە،‏ بە‌زى قارشى چىققۇ‌چىلار ھە‌ق ئىمان-‏ئېتىقاد يولىدا ماڭغۇ‌چىنىڭ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىدىن تە‌سىرلىنىپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى ئىزدە‌شكە باشلىغان.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ «ئۇ‌لار سىلە‌رنىڭ پاك پە‌زىلە‌تلىرىڭلار بىلە‌ن چوڭقۇ‌ر ھۆرمىتىڭلارنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرى ھە‌قىقە‌تتۇ‌ر‏.‏‏—‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏1،‏ 2‏.‏

شە‌يتان يە‌نە كىشىلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشتىن توسۇ‌ش مە‌قسىتىدە،‏ ئۇ‌لارنى ناھايىتى ئالدىراش دېگە‌ن ئوي-‏خىيالغا كە‌لتۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ ئۇ سىزنى تۇ‌رمۇ‌شتىن بېسىم ھېس قىلىشقا،‏ يە‌نى ھە‌رخىل غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى قىلىپ،‏ مال-‏دۇ‌نيا قوغلىشىشقا ئېزىقتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ھە‌مىشە شۇ‌نداق ئوي-‏خىياللارنى قىلىش «سۆزنى بوغۇ‌ۋېتىدۇ».‏ نە‌تىجىدە بولسا،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز «ھوسۇ‌لسىز قالىدۇ» (‏ماركۇ‌س 4:‏19‏)‏.‏ پە‌قە‌ت بۇ‌رنىنىڭ ئۇ‌چىنىلا كۆرمە‌ي،‏ ئە‌كسىچە يىراقلارغا نە‌زە‌ر سېلىش كېرە‌ك!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار:‏ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ سە‌ن يېگانە خۇ‌دانى ۋە سە‌ن ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنى تونۇ‌ش كېرە‌ك»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ جە‌ننە‌تتىكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ توغرىسىدا ئۆگىنىش ھە‌قىقە‌تە‌ن زۆرۈر!‏

خۇ‌دادىن ياردە‌م تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلىڭ

مىسىردا پادىشاھ ئوردىسىدا چوڭ بولغان مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئويلاپ كۆرسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ مال-‏دۇ‌نيا،‏ شان-‏شۆھرە‌ت ۋە ھوقۇ‌ق-‏ئە‌مە‌للە‌رنى قوغلىشىش پۇ‌رسىتى بار ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌سا «ۋاقتىنچە گۇ‌ناھلىق ئىشلاردىن ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌ت ئېلىشنىڭ ئورنىغا،‏ خۇ‌دا خە‌لقى بىلە‌ن بىللە جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌ت چېكىشنى تاللىدى».‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ «چۈنكى،‏ ئۇ كۆزگە كۆرۈنمە‌س زاتنى كۆرۈپ تۇ‌رغاندە‌ك داۋاملىق چىداپ»،‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا چىڭ تۇ‌رغان (‏ئىبرانىيلار 11:‏24،‏ 25،‏ 27‏)‏.‏ مۇ‌سا خۇ‌دانى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ ئۆزىنىڭ ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىنى قوغلاشمىغاچ،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى مول بە‌رىكە‌تلە‌شكە ئىگە قىلغان.‏ ئە‌گە‌ر سىز ھە‌م شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ خۇ‌دا سىزنىمۇ بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏

شە‌يتان ھە‌رخىل يوللار بىلە‌ن سىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالايسىز.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ:‏ «ئىبلىسقا قارشى تۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ شۇ چاغدىلا،‏ ئۇ سىلە‌ردىن قاچىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏7‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شە‌يتانغا قانداق قارشى تۇ‌رالايسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنى ھە‌ركۈنى ئوقۇ‌ش؛‏ ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىنى ئۆگىنىش؛‏ نە‌سىھە‌تلىرىنى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شتا ئىشلىتىش ئارقىلىق،‏ سىز «خۇ‌دا بە‌رگە‌ن بارچە قورال-‏ياراقلار بىلە‌ن» قوراللىنىپ،‏ شە‌يتاننىڭ ھۇ‌جۇ‌ملىرىغا قارشى تۇ‌رالايسىز‏.‏‏—‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏13‏.‏

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئالاقە قىلىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئوقۇ‌پ ئۆگىنىدىغان ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىغا تە‌تبىقلايدىغان كىشىلە‌رنى ئىزدە‌پ تېپىڭ.‏ شۇ‌نداق كىشىلە‌ر «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌ش ئۈچۈن» بىر-‏بىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ‏.‏‏—‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25‏.‏

ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئالاقە قىلىڭ

يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ.‏ ئىشە‌نچ بىلە‌ن خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ خۇ‌دانىڭ سىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ھە‌رگىز ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ خۇ‌دا سۆزى:‏ «بارلىق غە‌م-‏ئە‌ندىشە‌ڭلارنى ئۇ‌نىڭغا [خۇ‌داغا] تاشلاڭلار.‏ چۈنكى،‏ ئۇ سىلە‌ردىن خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ»،‏—‏ دە‌پ بىزگە ئىلھام بېرىدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏6،‏ 7‏)‏.‏ «خۇ‌دا سادىقتۇ‌ر ۋە ئۇ سىلە‌رنى بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌يدىغان ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا دۇ‌چار قىلمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا ئۇ‌چرىغاندا بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىڭلار ئۈچۈن چىقىش يولىنى كۆرستىپ بېرىدۇ»‏‏.‏‏—‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏13‏.‏

شە‌يتان،‏ ئە‌گە‌ر كىشى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە،‏ ئۇ‌لار ئىمان-‏ئېتىقاد يولىدىن يېنىپ،‏ داۋاملىق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ،‏ دە‌پ خۇ‌دانى ھاقارە‌تلە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ سىز شە‌يتاننىڭ بىر يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىيالايسىز!‏ خۇ‌دا بىزلە‌رنى چاقىرىپ:‏ «دانا بولساڭ كۆڭلۈمنى خۇ‌شال قىلارسە‌ن،‏ شۇ‌نداق بولساڭ مېنى ئە‌يىبلىگۈچىگە جاۋاب بېرە‌لە‌يمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11‏)‏.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ!‏