4-بۆلەك
خۇدانىڭ ئىبراھىم پەيغەمبەر بىلەن ئەھدە تۈزۈشى
ئىبراھىمنىڭ ئىشەنچ بىلەن خۇداغا ئىتائەت قىلىشى، يەھۋانىڭ ئۇنى بەرىكەتلەيدىغانلىقى ۋە ئەۋلادلىرىنى كۆپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى
نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنىدىكى توپان سۈيىدىن كېيىن، تەخمىنەن 350 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئىبراھىم پەيغەمبەر گۈللەنگەن ئاۋات شەھەر ئۇر يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى ئىراق دۆلىتى زېمىنىدا ياشايتتى. ئىبراھىم ئۇ، ئىمان-ئېتىقادى كۈچلۈك كىشى ئىدى. لېكىن، ئەمدى ئۇنىڭ ئىمان-ئېتىقادى سىناققا دۇچ كەلدى.
يەھۋا، ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتىدىن ئايرىلىشىنى ۋە يات-ئەلگە كۆچۈپ بېرىشىنى ئېيتتى. ئىبراھىم ئىككىلەنمەستىنلا بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئايالى سارە، جىيەنى لۇت ۋە نۇرغۇن چاكارلىرىنى ئېلىپ ئۇزۇن سەپەر قىلغاندىن كېيىن، يات بىر يۇرت قانانغا كېلىپ چېدىر تىكىپ ئولتۇراقلاشتى. پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئىبراھىمنىڭ ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ ئاتىسى بولىدىغانلىقى، ئۇ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارچە مىللەت بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە يەنە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قانان زېمىنىغا ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ئىبراھىم ۋە لۇت راۋاج تېپىپ، ئۇلارنىڭ مال-چارۋا پادىسى كۆپەيدى. ئىبراھىم كەمتەرلىك بىلەن، لۇتنىڭ ئۆزى قايسى زېمىننى خالىسا، شۇنى تاللىشىغا قويۇپ بەردى. لۇت ئىئوردان دەرياسىنىڭ مۇنبەت زېمىنىنى تاللىدى ۋە سودوم شەھىرىگە يېقىن جايغا ئولتۇراقلاشتى. ئەمما، سودوم شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى چىكىگە يېتىپ، ئۇلار پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھكار بولدى.
كېيىنچە، پەرۋەردىگار يەھۋا قايتا ۋەدە بېرىپ، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئاسمانلاردىكى سان-ساناقسىز يۇلتۇزدەك كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىبراھىم ئاشۇ ۋەدىگە ئىشەنچ قىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئايالى سارەنىڭ تېخى بالىسى يوق ئىدى. كېيىن خۇدا، ئىبراھىم 99 ياش ۋە ئايالى سارە بولسا 90 ياشقا يېقىنلاشقاندا، ئۇلارنىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خۇدانىڭ سۆزى ئەمەلگە ئېشىپ، سارە ئىسھاقنى تۇغدى. ئىبراھىمنىڭ باشقا بالىلىرىمۇ بار ئىدى، بىراق ئېرەم باغدا ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى نىجاتكار ئىسھاق ئارقىلىق مەيدانغا كېلەتتى.
ئاشۇ ۋاقىتتا، لۇت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى سودوم شەھىرىدە ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ھەققانىي كىشى لۇت، ئاشۇ شەھەرنىڭ ئەخلاقسىز كىشىلىرىگە ئوخشىمىغان ئىدى. يەھۋا سودوم شەھىرىنى ھالاك قىلىشنى قارار قىلغاندا، لۇتنى ھالاكەت خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ئالدىن ئەۋەتتى. پەرىشتىلەر لۇت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى سودوم شەھىرىدىن قېچىپ چىقىشقا ئالدىراتقان ھەمدە ھەرگىز كەينىگە قارىماسلىقنى ئېيتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، سودوم ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان رەزىللىككە تولغان گومورا شەھىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن خۇدا ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت ياغدۇردى. لۇت ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىزى قېچىپ قۇتۇلدى. بىراق، لۇتنىڭ ئايالى كەينىگە قارىدى. بەلكىم، ئۇ تاشلاپ ماڭغان نەرسىلىرىگە كۆزى قىيمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئاشۇ ئىتائەتىسزلىكى ئۈچۈن ئۇ ئۆلگەن ئىدى.
—يارىتىلىش 11:10–19:38-ئايەتلەر گە ئاساسەن.