مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

كېمىدىكى رولغا ئوخشاش،‏ تەلىم-‏تەربىيە بالىنى توغرا يولغا سالىدۇ.‏

ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن

6.‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش

6.‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش

دېگە‌ن نېمە؟‏

تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش يولباشچىلىق ۋە تە‌لىم بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ بە‌زىدە بالىنىڭ ناتوغرا يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىنى تۈزىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ لېكىن،‏ كۆپىنچە ۋاقىتتا تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش بالىغا ياخشى بىلە‌ن ياماننى پە‌رقلە‌ندۈرۈشنى ئۆگىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئە‌خلاق تە‌ربىيىسى بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

يېقىنقى يىللاردا،‏ بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىشنى پۈتۈنلە‌ي دېگىدە‌ك توختاتتى،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لار بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ھۆرمىتى تۆۋە‌نلە‌پ كېتىشتىن قورقىدۇ.‏ لېكىن،‏ دانا ئاتا-‏ئانىلار مۇ‌ۋاپىق قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى ئورنىتىپ،‏ بالىلىرىنىڭ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلىشنى ئۆگىتىپ كە‌لمە‌كتە.‏

‏«بالىلار نېمىنى قىلىش ۋە نېمىنى قىلماسلىقنى ئۆگىنىشى زۆرۈر،‏ شۇ‌ندىلا قانداق ئادە‌م بولۇ‌شنى ئۆگىنىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بالىلار تە‌لىم-‏تە‌ربىيە كۆرمىسە،‏ رولى يوق كېمىگە ئوخشاش،‏ ئاخىرىدا توغرا يولدىن چە‌تنە‌پ كېتىدۇ،‏ ھە‌تتا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ» (‏پامېلا)‏.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

ئىزچىل بولۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر بالىڭىز ئائىلىدە ئورنىتىلغان قائىدە-‏تۈزۈمگە بويسۇ‌نمىسا،‏ ئۇ‌نى جازاڭ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ سۆزىڭىزگە كىرىپ بۇ‌يسۇ‌نسا،‏ ھە‌ردائىم ماختاشنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏

‏«ئىتائە‌تچانلىق ئاز ئۇ‌چرايدىغان بۇ دۇ‌نيادا،‏ مە‌ن بالىلىرىمنى ئىتائە‌تچان بولغىنى ئۈچۈن دائىم ماختاپ تۇ‌رىمە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ بالىلارنى تۈزىتىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار نە‌سىھە‌تنى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلىدۇ»(‏كرىستىن)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «ئادە‌م نېمە تېرىسا،‏ شۇ‌نى ھە‌م ئورىدۇ».‏—‏گالاتىيالىقلار 6:‏7‏.‏

تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلاڭ‏.‏ بالىڭىزنىڭ يېشى،‏ قابىلىيە‌تلىرى ۋە ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقى قانچىلىك ئېغىر ئىكە‌نلىكىگە قاراپ،‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىڭ.‏ ئە‌گە‌ر بالىڭىز ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى چۈشە‌نسە،‏ تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بالىڭىز يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرە‌لمىسە،‏ ئۇ‌نى قولىغا ئېلىشقا رۇ‌خسە‌ت بە‌رمە‌ڭ ياكى مە‌لۇ‌م ۋاقىت ئۇ‌نى ئىشلىتىشكە چە‌ك قويۇ‌ڭ.‏ ئە‌مما،‏ تۈگمىدە‌ك ئىشنى تۆگىدە‌ك قىلىشتىن ساقلىنىڭ.‏

‏«مە‌ن بالام بىلمە‌ي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالدىمۇ ياكى قە‌ستە‌ن قىلىدىمۇ؟‏ دە‌پ ئىنچىكە ئويلىنىشقا تىرىشىمە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ دائىم ئوخشاش خاتالىقنى تە‌كرارلىسا،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئاجىزلىق تە‌رىپىنى كۆرسىتىدۇ،‏ ئۇ‌نى يىلتىزىدىن يۇ‌لۇ‌پ تاشلاشقا بالىغا ياردە‌م بېرىش كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئاددىيلا بىر خاتالىق بولسا،‏ بالىنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ قويساق يېتە‌رلىك» (‏ۋېندېل)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «ئە‌ي ئاتىلار،‏ جۈرە‌تسىز [چۈشكۈن] بولمىسۇ‌ن دە‌پ،‏ ئۆز بالىلىرىڭلارنى ئاچچىقلاندۇ‌رماڭلار».‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏21‏.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزگە ئىشە‌ندۈرۈڭ.‏ ئە‌گە‌ر بالىلار ئۆزلىرىنى ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلسە،‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيىنى قوبۇ‌ل قىلىش ۋە ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىش ئاسان بولىدۇ.‏

‏«ئوغلىمىز خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئىلگىرى قىلغان توغرا ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئېسىگە سېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن پە‌خىرلىنىدىغانلىقىمىزغا ئۇ‌نى ئىشە‌ندۈرىمىز.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ كېرە‌كلىك تۈزىتىشنى قىلسىلا،‏ ئۇ‌نىڭ ئابرويى چۈشمە‌يدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭ تۈزىتىشىگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىمىزنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىمىز» (‏دانىيال)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۆزى كۆڭلى كە‌ڭدۇ‌ر،‏ مۇ‌ھە‌ببە‌ت مېھرىبانلىقتۇ‌ر».‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4‏.‏