مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئە‌ۋلىيا-‏ئە‌نبىيالارغا دۇ‌ئا قىلىشىم كېرە‌كمۇ؟‏

ئە‌ۋلىيا-‏ئە‌نبىيالارغا دۇ‌ئا قىلىشىم كېرە‌كمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جاۋاب

 ياق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىزنىڭ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن پە‌قە‌ت خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌كلىكى يېزىلغان.‏ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ «شۇ‌نىڭ ئۈچۈن مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلىڭلار:‏ «ئە‌ي ئاسماندىكى ئاتىمىز،‏ سېنىڭ نامىڭ ئۇ‌لۇ‌غلانغاي»» (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا ئاللادىن باشقا بىرىگە،‏ مە‌سىلە‌ن ئە‌ۋلىيا-‏ئە‌نبىيالارغا ياكى پە‌رىشتىلە‌رگە دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تمىگە‌ن.‏

 ئۇ‌نىڭدىن باشقا ھە‌زرىتى ئە‌يسا:‏ «يول،‏ ھە‌قىقە‌ت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن.‏ مېنىڭسىز ھېچكىم خۇ‌دائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏6‏)‏.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ خۇ‌دا پە‌قە‌ت ھە‌زرىتى ئە‌يساغا بىز ئۈچۈن ۋاستىچى بولۇ‌ش ھوقۇ‌قىنى تاپشۇ‌رغان.‏

ئە‌گە‌ر خۇ‌دادىن باشقا ئە‌ۋلىيا-‏ئە‌نبىيالارغا دۇ‌ئا قىلسامچۇ؟‏

 خۇ‌دا ئون ئە‌مىر-‏پە‌رماننىڭ بىرىدە،‏ مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقان:‏ «پە‌رۋە‌ردىگارىڭ خۇ‌دا بولغان مە‌ن قىزغىنىدىغان خۇ‌دادۇ‌رمە‌ن» (‏چىقىش 20:‏5‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ قىزغىنىدىغانلىقى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بىر كىتابتا قىزغىنىدىغان خۇ‌دا ئىبارىسى «ئۇ مۇ‌تلە‌ق ساداقە‌تمە‌نلىكنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ،‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ خۇ‌دا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغىلا ئىبادە‌ت قىلىشنى ۋە دۇ‌ئا قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏يە‌شايا 48:‏11‏)‏.‏

 ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دادىن باشقا بىرىگە،‏ مە‌سىلە‌ن ئە‌ۋلىيا-‏ئە‌نبىيالارغا ياكى پە‌رىشتىلە‌رگە دۇ‌ئا قىلساق،‏ خۇ‌دانى قاتتىق رە‌نجىتىمىز.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا پە‌رىشتىگە سە‌جدە قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغاندا،‏ پە‌رىشتە ئۇ‌نى توختىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا:‏ «ھە‌رگىز ئۇ‌نداق قىلما!‏ مە‌نمۇ خۇ‌دانىڭ سە‌ن ۋە ئە‌يساغا گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمە‌تكارىمە‌ن.‏ خۇ‌داغىلا ئىبادە‌ت قىل!‏»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ۋە‌ھىي 19:‏10‏)‏.‏