مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆز ئېتىقادىغا ماس ئۆزگە‌رتىۋالغانمۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆز ئېتىقادىغا ماس ئۆزگە‌رتىۋالغانمۇ؟‏

 ياق،‏ ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئېتىقادىمىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىگە ماس كە‌لمىگە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ ئۆزىمىزنىڭ ئىشە‌نچىنى ئۆزگە‌رتتۇ‌ق.‏

 1950-‏يىلى ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»‏ نە‌شىردىن چىقىشتىن خېلىلا ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت بۇ‌رۇ‌ن،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان.‏ بىز قولدا بار تە‌رجىمىلە‌ردىن پايدىلىنىپ،‏ ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئاستا-‏ئاستا چۈشىنىپ،‏ ھە‌قىقە‌ت ئاساسىدا ئىشە‌نچمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىدۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۇ‌زاق ۋاقىتتىن بېرى ئىشە‌نگە‌ن بە‌زى تە‌لىملە‌رنى تە‌پسىلىي قاراپ چىقىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تكە ماس كە‌لگە‌ن-‏كە‌لمىگە‌نلىكىنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ.‏

  1.   خۇ‌دا ئۈچبىرلىك ئە‌مە‌س.‏ 1882-‏يىلنىڭ ئىيۇ‌ل سانىدىكى «سىئون كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنالىدا (‏ئىنگلىزچە)‏ مۇ‌نداق يېزىلغان ئىدى:‏ «ئوقۇ‌رمە‌نلىرىمىز بىزنىڭ خۇ‌دا يە‌ھۋاغا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھكە ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى،‏ ئە‌مما ئۈچ ئىلاھ بىر شە‌خس ياكى ئۈچبىرلىك دېگە‌ن تە‌لىماتقا ئىشە‌نمە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ بۇ‌نداق تە‌لىمات مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانمىغان».‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «تە‌ڭرىمىز رە‌ب خۇ‌داۋە‌ندە ئۆزى بىردۇ‌ر» (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏4،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كالام‏)‏.‏ «بىراق بىز ئۈچۈن پە‌قە‌ت يېگانە خۇ‌دا،‏ يە‌نى ئە‌رشتىكى خۇ‌دا ئاتىمىزلا باردۇ‌ر.‏ ئۇ پۈتكۈل مە‌ۋجۇ‌داتنىڭ ياراتقۇ‌چىسىدۇ‌ر،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ياشايمىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رە‌ب،‏ يە‌نى رە‌ببىمىز ئە‌يسا مە‌سىھ باردۇ‌ر.‏ پۈتكۈل مە‌ۋجۇ‌دات ئۇ ئارقىلىق مە‌ۋجۇ‌تتۇ‌ر.‏ بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇ‌ق» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 8:‏6،‏ ھازىرقى زامان تە‌رجىمىسى‏)‏.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رمۇ ئۆزى توغرىلىق:‏ «ئاتام مە‌ندىن ئۇ‌لۇ‌غتۇ‌ر»—‏ دە‌پ تە‌ستىقلىغانىدى (‏يۇ‌ھاننا 14:‏28،‏ ھازىرقى زامان تە‌رجىمىسى‏)‏.‏

  2.   مە‌ڭگۈ ئازابلايدىغان دوزاخ ئوتى يوق.‏ 1882-‏يىلنىڭ ئىيۇ‌ن سانىدىكى «سىئون كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنالىدىكى (‏ئىنگلىزچە)‏ «گۇ‌ناھنىڭ بە‌دىلى ئۆلۈم» ناملىق ماقالىدە مۇ‌شۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «بۇ ئاسان ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلە‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى خۇ‌دانىڭ سۆزى دە‌پ ئىتىراپ قىلغانلارمۇ مۇ‌شۇ پىكىرگە قە‌تئىي قارشى چىقىپ،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب گۇ‌ناھنىڭ بە‌دىلى مە‌ڭگۈ دوزاختا ئازابلىنىش،‏ دە‌يدۇ دە‌پ ئۆز سۆزىدە تۇ‌رۇ‌ۋالغان!‏» (‏رىملىقلارغا 6:‏23،‏ ھازىرقى زامان تە‌رجىمىسى‏)‏.‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «گۇ‌ناھ قىلغۇ‌چى جان ئېگىسى ئۆلىدۇ» (‏ھە‌زە‌كىيال 18:‏4،‏ 20،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كالام‏)‏ خۇ‌دا بىلە‌ن قارشىلاشقۇ‌چىلار ئۈچۈن ئاخىرقى جازا —‏ مە‌ڭگۈ ئازابلىنىش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مە‌ڭگۈلۈك ھالاكە‌تتۇ‌ر» (‏سالونىكىلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏9،‏ ھازىرقى زامان تە‌رجىمىسى‏)‏.‏

  3.   خۇ‌دا پادىشاھلىقى —‏ قە‌لبنىڭ كە‌يپىيات ھالىتى ئە‌مە‌س،‏ ھە‌قىقىي ھۆكۈمە‌ت.‏ 1881-‏يىلنىڭ دېكابىر سانىدىكى «سىئون كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنالىدا (‏ئىنگلىزچە)‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە:‏ «بۇ پادىشاھلىقنىڭ تىكلىنىشى يە‌ر يۈزىدىكى بارچە پادىشاھلىقلارنىڭ يوق قىلىندىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان ئىدى.‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ئۇ ھۆكۈمدارلار تە‌ختتە ئولتارغان مە‌زگىلدە،‏ ئاسماندىكى خۇ‌دا ئۆرۈلمە‌س بىر پادىشاھلىق بە‌رپا قىلىدۇ.‏ بۇ پادىشاھلىق ھە‌رگىز باشقا بىر خە‌لقلە‌رگە بويسۇ‌نمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى تە‌ل-‏تۆكۈس گۇ‌مران قىلىپ،‏ ئۆزى مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ» (‏دانىيال 2:‏44،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كالام‏)‏.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنىلا» قوللىنامدۇ؟‏

 ياق،‏ بىز گۇ‌ۋاھلىق بېرىش خىزمىتىمىزدە باشقا تە‌رجىمىلە‌ردىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز.‏ بىز ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌قسىز تە‌تقىق قىلىش پروگراممىسىنىڭ قىسمى سۈپىتىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»دىن بىر نۇ‌سخا بە‌رسە‌كمۇ،‏ كىشىلە‌ر ئۆزىدە بار باشقا تە‌رجىمىلە‌ردىن پايدىلىنىشنى خالىسا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشتىن خۇ‌شال بولىمىز.‏