نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىبادەت قىلغاندا، كرېستنى ئىشلەتمەيدۇ؟
كۆپ ئادەملەر كرېستنى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دىننى-ئېتىقادىنىڭ ئالاھىدە بەلگۈسى، دەپ قارايدۇ. گەرچە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولسىمۇ، ئىبادەت قىلغاندا كرېستنى ئىشلەتمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
بىرىنچى سەۋەب — ئەيسا پەيغەمبەر كرېست ياغاچتا ئۆلمىگەن. مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ئاددىي تۈۋرۈك ياغاچتا ئۆلگىنى يېزىلغان. ئىككىنچى سەۋەب — مۇقەددەس يازمىلار: «بۇتپەرەسلىكتىن قېچىڭلار!»، — دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ، دېمەك ئىبادەت قىلغاندا كرېستنى ئىشلىتىش بۇتقا چوقۇنۇش بىلەن باراۋەر (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:14؛ يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:21).
ئەيسا: «ئەگەر بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتلىك بولساڭلار، سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ھەممىسى تونۇيدۇ»، — دەپ مۇھىم ھەقىقەتنى ئېيتقان (يۇھاننا 13:34، 35). بۇ ئارقىلىق ئەيسا پەيغەمبەر ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئالاھىدە بەلگۈسى — كرېستنى ياكى قانداقتۇ بىر بەلگۈنى ئىشلىتىش ئەمەس، بەلكى جان پىدا قىلىدىغان مېھىر-مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.