مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن قان سېلىشنى رە‌ت قىلىدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن قان سېلىشنى رە‌ت قىلىدۇ؟‏

كە‌ڭ تارقالغان سۆز-‏چۆچە‌كلە‌ر

 سۆز-‏چۆچە‌كلە‌ر:‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تىببىي داۋالاشنى رە‌ت قىلىدۇ.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ بىز ئۆزۈمىز ۋە ئائىلە ئە‌زالىرىمىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى تىببىي داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لىنى تاللايمىز.‏ بىز ئاغرىپ قالغان چاغدا،‏ قانسىز داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوللىنىشتا تە‌جرىبىسى مول دوختۇ‌رلارنى ئىزدە‌يمىز.‏ بىز تىبابە‌ت ساھە‌سىدىكى قولغا كە‌لتۈرۈلگە‌ن نە‌تىجىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ گۇ‌ۋاھچى بېمارلار ئۈچۈن قوللىنىغان قانسىز داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى،‏ ھازىر دۇ‌نيادا كە‌ڭ تارقالدى.‏ كۆپلىگە‌ن مە‌ملىكە‌تلە‌ردە ھە‌رقانداق ئادە‌م قانسىز داۋالىنىش ئۇ‌سۇ‌لىنى تاللىيالايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار قان ئارقىلىق يۇ‌قىدىغان كېسە‌ل،‏ ئىممۇ‌نىتېت سىستېمدىكى ناچار ئىنكاس ۋە تىببىي خادىملارنىڭ خاتا قان سېلىپ قويۇ‌شى قاتارلىق خە‌تە‌ردىن ساقلىنالايدۇ.‏

 سۆز-‏چۆچە‌كلە‌ر:‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىمان-‏ئېتىقاد ئارقىلىق كېسە‌لنى داۋالاشقا بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ بىز ئىمان-‏ئېتىقاد ئارقىلىق كېسە‌ل داۋالاشقا ئىشە‌نمە‌يمىز.‏

 سۆز-‏چۆچە‌كلە‌ر:‏ قان سالدۇ‌رماي داۋالىنىش ناھايىتى قىممە‌ت.‏ a

 ھە‌قىقە‌ت:‏ قان سالدۇ‌رماي داۋالىنىش ئۇ‌سۇ‌للىرى ئۈنۈملۈك ھە‌م قىممە‌ت ئە‌مە‌س.‏

 سۆز-‏چۆچە‌كلە‌ر:‏ ھە‌ر يىلى كۆپلىگە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى قان سېلىشنى رە‌ت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلىدۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىچىدە بالىلارمۇ بار.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ مۇ‌نداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.‏ بۈگۈن كۈندە تاشقى كېسە‌ل ئوپېراتسىيە دوختورلىرى يۈرە‌ك ئوپېراسىيىلىرى،‏ ئىچكى ئە‌زالارنى ئالماشتۇ‌رۇ‌ش قاتارلىق كۆپ قىلىنىدىغان مۇ‌رە‌ككە‌پ ئوپېراسىيىلە‌رنى قان سالماي قىلىۋاتىدۇ.‏ b قان سالدۇ‌رمىغان بېمارلار ھە‌م بالىلار ئادە‌تتە قان سالدۇ‌رغانلارغا قارىغاندا تېزراق ساقىيىدۇ.‏ c قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ ھېچكىم بىر بېمار قان سالدۇ‌رمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى قان سالدۇ‌رۇ‌پ ھايات قالىدۇ،‏ دە‌پ كە‌سكىن ئېيتالمايدۇ.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن قان سالدۇ‌رۇ‌شنى رە‌ت قىلىدۇ؟‏

 بۇ —‏ تىببىي ئە‌مە‌س،‏ دىنىي مە‌سىلە.‏ كونا ۋە يېڭى ئە‌ھدىلە‌ردە قاندىن خالى بولۇ‌ش ھە‌ققىدە ئېنىق بۇ‌يرۇ‌ق قىلىنغان (‏يارىتىلىش 9:‏4؛‏ لاۋىيلار 17:‏10؛‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 12:‏23؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دانىڭ نە‌زە‌رىدە قان ھاياتنى بىلدۈرىدۇ (‏لاۋىيلار 17:‏14‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلغىنىمىز ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌نە خۇ‌دانى ھايات بە‌رگۈچى سۈپىتىدە ھۆرمە‌تلىگىنىمىز ئۈچۈنمۇ قاندىن ئۆزىمىزنى نېرى تۇ‌تىمىز.‏

ئۆزگىرىۋاتقان كۆزقاراشلار

مۇ‌رە‌ككە‌پ ئوپېراسىيىلە‌رنىمۇ قان سالدۇ‌رماي مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك قىلىشقا بولىدۇ.‏

 بىر چاغلاردا،‏ تىبابە‌تچىلىكتە قان سېلىشتىن ۋاز كېچىش خە‌تە‌رلىك،‏ ھە‌تتا ئۆز-‏ئۆزىنى ئۆلتۈرگە‌ن بىلە‌ن باراۋە‌ر،‏ دە‌پ قارىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا مۇ‌نداق كۆزقاراشنى قوللايدىغانلار ئازىيىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2004-‏يىلى،‏ تىببىي ئوقۇ‌تۇ‌ش ساھە‌سىدىكى بىر ژۇ‌رنالىدىكى ماقالىدە:‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىگە‌ن تىببىي داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىدىن كۆپ ساندىكىلىرى يىللار ئۆتۈپ تىبابە‌ت ئىلمىدا بىر ئۆلچە‌مگە ئايلىنىدۇ»،‏ —‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ d 2010-‏يىلى،‏ باشقا تىببىي ژۇ‌رنالنىڭ يۈرە‌ك،‏ ئۆپكە ۋە ئايلىنىش ھە‌ققىدىكى ماقالىدە،‏ قانسىز ئوپېراسىيە قىلىش پە‌قە‌ت يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌نلا چە‌كلىنىپ قالماي،‏ ئوپېراتسىيە دوختۇ‌رلىرىنىڭ بۇ ئۇ‌سۇ‌لنى ھە‌ر كۈنى ئوپېراتسىيىدە كە‌ڭ قوللىنىشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئېيتىلغان.‏

 دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا مىڭلىغان دوختۇ‌رلار مۇ‌رە‌ككە‌پ ئوپېراسىيىلە‌رنى قانسىز قىلىش ئۈچۈن ئوپېراسىيە ۋاقتىدا قاننى ساقلاپ قېلىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوللىنىدۇ.‏ مۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌للار ھە‌تتا تېخى تە‌رە‌ققىي قىلىۋاتقان دۆلە‌تلە‌ردىمۇ قوللىنىلىدۇ.‏ بۇ‌نداق تىببىي داۋالىنىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى تاللايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌مە‌س بېمارلارمۇ كۆپ.‏

a See Transfusion and Apheresis Science, Volume 33, No. 3, p. 349

b See The Journal of Thoracic and Cardiovascular Surgery, Volume 134, No. 2, pp. 287-228; Texas Heart Institute Journal, Volume 38 , No. 5, p. 563; Basics of Blood Management, p. 2; and Continuing Education in Anaesthesia, Critical Care & Pain, Volume 4, No. 2, p. 39.

c See The Journal of Thoracic and Cardiovascular Surgery, Volume 89, No. 6, p. 918; and Heart, Lung and Circulation, Volume 19, p. 658.

d Continuing Education in Anaesthesia, Critical Care & Pain, Volume 4, No. 2, p. 39.