08-دەرس
ياراتقۇچى يەھۋانىڭ دوستى بولالايسىز
يەھۋا سىزنىڭ ئۇنى ياخشىراق تونۇشىڭىزنى خالايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ياراتقۇچى ئۆز ئېسىل پەزىلەتلىرى، يوللىرى ۋە ئىرادىسى ھەققىدە سىزنىڭ كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ دوستى بولۇشنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىز راستىنلا خۇدانىڭ دوستى بولالامسىز؟ (زەبۇر 25:14-نى ئوقۇڭ). ئۇنىڭ دوستى بولۇش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايسىز؟ مۇقەددەس كىتاب مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىلەن دوست بولۇشنىڭ شۇنچە مۇھىم ئىكەنلىكىنى سىزگە كۆرسىتىدۇ.
1. يەھۋا سىزنى نېمە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟
«خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، شۇندىلا ئۇ ھەم سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ» (ياقۇپ 4:8). بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ياراتقۇچى سىزنى ئۆزى بىلەن دوست بولۇشقا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. خۇدا كۆزگە كۆرۈنمىگەچكە، بەزىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن بولىدۇ. يەنە بەزىلەر، خۇدا بىلەن دوست بولۇشنى ئويلاشنىڭ ئۆزى ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارايدۇ. بىراق، ئۇ ئۆز سۆزى مۇقەددەس كىتابتا، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئېسىل-پەزىلەتلىرى ھەققىدە بىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. مۇقەددەس كىتابتىكى خۇدادىن كەلگەن خەۋەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، ھەتتا ياراتقۇچىنى ھېچقاچان كۆرەلمىسەكمۇ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلىقىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
2. نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئەڭ ياخشى دوستىڭىز بولالايدۇ؟
ھېچكىم سىزنى يەھۋا سۆيگەندەك سۆيمەيدۇ. ئۇ سىزنىڭ خۇشال بولۇشىڭىزنى ۋە قاچانلا ياردەم كېرەك بولسا، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىشىڭىزنى خالايدۇ. «بارچە غەم-ئەندىشەڭلارنى ئۇنىڭغا تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇ سىزلەردىن خەۋەر ئالىدۇ» (1-پېترۇس 5:7). ياراتقۇچى ئىگىمىز ئۆز دوستلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىشقا ھەرقاچان تەييار.—زەبۇر 94:18، 19-نى ئوقۇڭ.
3. يەھۋا ئۆز دوستلىرىدىن نېمە قىلىشنى كۈتىدۇ؟
يەھۋا بارچە ئىنسانلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق خۇدا «توغرا كشىلەرنى يېقىن دوست تۇتار» (پەندى-نەسىھەت 3:32). خۇدا ئۆز دوستلىرىدىن ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزىلەر ھەرگىزمۇ يەھۋانىڭ تەلەپ قىلغان ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق ياشىيالمايمىز، دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما، يەھۋا خۇدانىڭ كۆڭلى دېڭىزدەك كەڭ. ئۇ ئۆزىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغانلارنى ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشقانلارنى قوبۇل قىلىدۇ.—زەبۇر 147:11؛ ئەلچىلەر 10:34، 35.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ياراتقۇچى يەھۋانىڭ دوستى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز ۋە ئۇ نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىڭىز بولالايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ.
4. ئىبراھىم پەيغەمبەر خۇدانىڭ دوستى بولغان
ئابرام، دەپمۇ ئاتالغان، ئىبراھىم پەيغەمبەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىزگە خۇدانىڭ دوستى بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئىبراھىم پەيغەمبەر ھەققىدە يارىتىلىش 12:1–4-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا ئىبراھىمغا نېمە قىلىشنى ئېيتقان؟
-
يەھۋا ئۇنىڭغا قانداق ۋەدە بەرگەن؟
-
ئىبراھىم پەيغەمبەر يەھۋانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە نېمە ئىش قىلغان؟
5. يەھۋا ئۆز دوستلىرىدىن نېمە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
ئادەتتە، بىز ئۆز دوستلىرىمىزدىن مەلۇم نەرسىنى كۈتىمىز.
-
دوستلىرىڭىزنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالايسىز؟
1-يۇھاننا 5:3-نى ئوقۇپ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا ئۆز دوستلىرىدىن نېمە قىلىشنى كۈتىدۇ؟
يەھۋاغا بويسۇنۇش ئۈچۈن، ئىش-ھەرىكەت ياكى مىجەز-خۇلقىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. يەشايا 48:17، 18-نى ئوقۇپ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆز دوستلىرىدىن ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
6. يەھۋا ئۆز دوستلىرىغا ياردەم بېرىدۇ
يەھۋا ئۆز دوستلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بېرىدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
فىلىمدىكى ئايالنىڭ سەلبىي ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى يېڭىشىغا، يەھۋا قانداق ياردەم بەرگەن؟
يەشايا 41:10، 13-نى ئوقۇپ، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا ئۆزىنىڭ بارلىق دوستلىرىغا نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان؟
-
سىزنىڭچە، يەھۋا ياخشى دوست بولالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
7. يەھۋا بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك
ھەردائىم مۇڭدىشىش دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتىدۇ. زەبۇر 86:6، 11-نى ئوقۇپ، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا بىلەن قانداق مۇڭدىشالايمىز؟
-
يەھۋا بىز بىلەن قانداق سۆزلىشەلەيدۇ؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «خۇداغا يېقىنلىشىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس».
-
يەھۋا بىلەن دوست بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، قايسى ئايەتلەردىن پايدىلىنالايسىز؟
خۇلاسە
يەھۋا سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
تەكرارلاش
-
يەھۋا ئۆز دوستلىرىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
-
يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئۆز دوستلىرىغا ئۆزگۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ؟
-
سىزنىڭچە، يەھۋا بىلەن دوست بولۇش شۇنچە قىيىنمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
خۇدا بىلەن دوست بولۇش ھاياتىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؟
«يەھۋا — تونۇشۇشقا ئەرزىيدىغان خۇدا» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2003-يىل، 15-فېۋرال)
خۇدا بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.
يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق، بىر ئايالنىڭ ھاياتىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.
«ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمىغان ئىدىم!» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2017-يىل، 1-سان)
ئۆسمۈرلەرنىڭ ياراتقۇچى يەھۋا توغرىسىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.