15-دەرس
ئەيسا پەيغەمبەر كىم؟
ئەيسا پەيغەمبەر تارىختا ئۇلۇغ كىشىلەردىن بىرى بولغان. بىراق، كۆپلىگەن ئادەملەر پەقەت ئۇنىڭ ئىسىمىنى بىلىدۇ. ئەيسانىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىگە قارىتا ئوخشىمىغان ئادەملەر ئوخشىمىغان ئوي-پىكىردە بولۇپ كەلگەن. ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابتا ئۇ ھەققىدە نېمە يېزىلغان؟
1. ئەيسا كىم؟
ئەيسا — ئاسماندا ياشىغان بىر پەرىشتە. يەھۋا خۇدا ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇنى ياراتقان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تۇنجىسى دەپ ئاتالغان (كولوسىلىقلار 1:15). يەھۋا ئەيسانى ئۆزى بىۋاسىتە ياراتقىنى ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتاب ئەيسانى خۇدانىڭ بىردىن-بىر يېگانە ئوغلى a دەپ ئاتىغان (يۇھاننا 3:16). ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسى يەھۋانىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ بارلىق مەۋجۇداتلارنى يارىتىشىغا ياردەم بەرگەن (پەندى-نەسىھەت 8:30). ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ «سۆزى» سۈپىتىدە، ئەيسا ياراتقۇچىسىدىن كەلگەن خەۋەرلەرنى ۋە كۆرسەتمىلەرنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن.—يۇھاننا 1:14.
2. نېمە ئۈچۈن ئەيسا يەرگە كەلگەن؟
تەخمىنەن 2000 يىل ئىلگىرى، يەھۋا مۇقەددەس روھىنى ئىشلىتىپ، مۆجىزىلىك يول بىلەن ئەيسانىڭ ھاياتىنى مەريەمنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئىنسان سۈپىتىدە تۇغۇلغان (لۇقا 1:34، 35-نى ئوقۇڭ). يەھۋا ۋەدە قىلىنغان مەسىھ سۈپىتىدە ئەيسانى پۈتكۈل ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتكەن b. مۇقەددەس كىتابتىكى مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن بېشارەتلەر ئەيسادا ئورۇنلانغان. شۇڭا، ئەيسانى كىشىلەر «ھايات خۇدانىڭ ئوغلى — مەسىھ» سۈپىتىدە تونۇغان.—مەتتا 16:16.
3. ھازىر ئەيسا قەيەردە؟
ئەيسا يەر-يۈزىدە ئۆلگەندىن كېيىن، پەرىشتە سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسمانغا قايتىپ كەتكەن. ئاسماندا خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە ئورنىغا كۆتەرگەن (فىلىپىلىكلەر 2:9). ئۇ ھازىر ئاسماندا كۈچلۈك بىر پەرىشتە. ئۇنىڭ ھوقۇقى پەقەت يەھۋا خۇدادىنلا تۆۋەن تۇرىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ئەيسا كىم؟ ئۇ توغرۇلۇق بىلىم ئېلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىڭ.
4. ئەيسا ھەممىگە قادىر خۇدا ئەمەس
مۇقەددەس كىتاب، ئەيسا كۈچلۈك بىر پەرىشتە بولسىمۇ، ئاتىسى ۋە خۇداسى بولغان يەھۋاغا بويسۇنىدۇ، دەپ ئۆگىتىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ؟ فىلىمنى كۆرۈپ، ئەيسا بىلەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇقەددەس كىتابتا قانداق تەسۋىرلىگەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
تۆۋەندە ئوقۇيدىغان ئايەتلەر، ياراتقۇچى يەھۋا بىلەن ئەيسا مەسىھ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ھەربىر ئايەتنى ئوقۇپ، تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:
لۇقا 1:30–32-نى ئوقۇڭ.
-
ئەيسا بىلەن ھەممىگە قادىر خۇدا يەھۋانىڭ بىر شەخس ئەمەسلىكىنى پەرىشتە قانداق تەسۋىرلىگەن؟
مەتتا 3:16، 17-نى ئوقۇڭ.
-
ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندە، ئاسماندىن كەلگەن ئاۋاز نېمە دېگەن؟
-
سىزنىڭچە، ئۇ كىمنىڭ ئاۋازى؟
يۇھاننا 14:28-نى ئوقۇڭ.
-
كىم ئەڭ ئۇلۇغ ۋە يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە؟ ئاتىمۇ ياكى ئوغۇلمۇ؟
-
ئەيسا ياراتقۇچى يەھۋانى ئاتا دەپ ئاتىغان، بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
يۇھاننا 12:49-نى ئوقۇڭ.
-
ئەيسا ئۆزىنى ئاتىسى بىلەن ئوخشاش بىر شەخس دەپ ئويلىغانمۇ؟ سىز قانداق ئويلايسىز؟
5. دەلىل-ئىسپاتلار ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
مۇقەددەس كىتابتا، خۇدانىڭ مەسىھ سۈپىتىدە ئەيسانى تاللىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن بېشارەتلەر بار. فىلىمنى كۆرۈڭ. قايسى بېشارەتلەر ئەيسادا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:
مىكا 5:2-نى ئوقۇپ، ئەيسانىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ c.
-
ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشى بۇ بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانمۇ؟—مەتتا 2:1.
زەبۇر 34:20 ۋە زەكەرىيا 12:10-نى ئوقۇپ، مۇقەددەس كىتابتا مەسىھنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى بىلىۋېلىڭ.
-
شۇ بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانمۇ؟—يۇھاننا 19:33–37.
-
سىزنىڭچە، شۇ بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا، نېمە ئۈچۈن ئەيسا تەسىر قىلالمىغان؟
-
ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى نېمە ئىسپاتلايدۇ؟
6. ئەيسا ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق
مۇقەددەس كىتاب، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ رولىنىڭ بەك مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. يۇھاننا 14:6 ۋە 17:3-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسا ھەققىدە بىلىم ئېلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
ئەيسا خۇدا بىلەن دوست بولۇشنىڭ يولىنى ئاچقان. ئۇ يەھۋا توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن. ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىز مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دېيىشىدۇ. خۇدانىڭ بالىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس».
-
سىز قانداق ئويلايسىز؟
خۇلاسە
ئەيسا كۈچلۈك پەرىشتە. ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى ۋە مەسىھ.
تەكرارلاش
-
نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئەيسانى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تۇنجىسى دەپ ئاتايدۇ؟
-
ئەيسا يەر-يۈزىگە كېلىشتىن ئاۋۋال نېمە ئىش قىلغان؟
-
ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان مەلۇماتلارنى بىلىۋېلىڭ.
مۇقەددەس كىتابتا ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ خۇدا ئىنسانلارغا ئوخشاش پەرزەنت كۆرگەن دېگەننى بىلدۈرەمدۇ؟
«ئەيسا نېمە سەۋەبتىن خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
ئۈچ بىرلىك تەلىماتى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغان.
«ئەيسا ئۇ خۇدامۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2009-يىل، 1-ئاپرېل)
مۇقەددەس كىتابتىن ئەيسا ھەققىدە ئېيتىلغانلارنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ئايالنىڭ ھاياتى قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى ئوقۇڭ.
«يەھۇدىي بىر ئايال ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈپ كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ» («ئويغىنىش!»، 2013-يىل، ماي)
a مۇقەددەس كىتاب، خۇدا ئىنسانلارغا ئوخشاش پەرزەنت كۆرىدۇ، دەپ ئۆگەتمەيدۇ.
b 26، 27-دەرسلەردە، نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار قۇتقۇزۇلۇشقا مۇھتاج ۋە ئەيسا بىزنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
c مەسىھنىڭ قاچان كېلىشى ھەققىدىكى بېشارەتلەرنىڭ قانداق توغرا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 2-ئىزاھاتقا قاراڭ.