مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

36-‏دە‌رس

ھە‌ممىلا ئىشتا راستچىل بولۇ‌ڭ

ھە‌ممىلا ئىشتا راستچىل بولۇ‌ڭ

ھە‌ممىمىز راستچىل كىشىلە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالايمىز.‏ يە‌ھۋامۇ دوستلىرىنىڭ سە‌مىمىي،‏ راستچىل بولۇ‌شىنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌ممىلا يە‌رنى ساختىپە‌زلىك ۋە يالغانچىلىق قاپلىغان دۇ‌نيادا راستچىل بولۇ‌ش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌ممە ئىشتا راستچىل بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

1.‏ راستچىل بولۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

بىز باشقىلارغا سە‌مىمىي بولساق،‏ يە‌ھۋانى سۆيىدىغانلىقىمىز ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ خۇ‌دا بىز ئويلاۋاتقان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلارنى بىلىدۇ (‏ئىبرانىيلار 4:‏13‏)‏.‏ بىز راستچىل بولۇ‌شنى تاللىغاندا،‏ ئۇ بۇ‌نى كۆرىدۇ ۋە بۇ‌نىڭدىن كۆڭلى سۆيۈنىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«يە‌ھۋا قۇ‌ۋ-‏مە‌ككار ئادە‌مدىن يىرگىنە‌ر،‏ توغرا ئادە‌منى بولسا يېقىن دوست تۇ‌تار».‏‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏32‏.‏

2.‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا راستچىل بولۇ‌شنىڭ قانداق ئۇ‌سۇ‌للىرى بار؟‏

يە‌ھۋا بىزگە ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌ڭلار دە‌يدۇ (‏زە‌كە‌رىيا 8:‏16،‏ 17‏)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىز،‏ كە‌سىپداشلىرىمىز،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ياكى ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ يالغان سۆزلىمە‌يمىز ياكى خاتا ئۇ‌چۇ‌ر بە‌رمە‌يمىز.‏ سە‌مىمىي ياكى توغرا ئادە‌ملە‌ر ئوغرىلىق ياكى ئالدامچىلىق قىلمايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏28 ۋە ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لار بارلىق باج-‏سېلىقلارنى تۆلە‌يدۇ (‏رىملىقلار 13:‏5–‏7‏)‏.‏ خۇ‌لاسە قىلساق،‏ بىز ھە‌ممىلا ئىشتا راستچىل بولىمىز.‏—‏ئىبرانىيلار 13:‏18‏.‏

3.‏ راستچىل بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

سە‌مىمىي ياكى راستچىل ئادە‌م دە‌پ تونۇ‌لساق،‏ باشقىلار بىزگە ئىشىنىدۇ.‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى راستچىل بولسا،‏ ئۆزئارا بىر-‏بىرىگە ئىشىنىپ،‏ بېخە‌تە‌ر ئائىلە كە‌يپىياتىنى يارىتىدۇ.‏ پاك ۋىجدانىمىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولىمىز.‏ راستچىللىقىمىز يە‌نە قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چىمىز خۇ‌دا توغرىسىدىكى تە‌لىملە‌رنى زېننە‌تلە‌يدۇ ۋە جامائە‌ت سىرتىدىكىلە‌رنى ھە‌ق ئىبادە‌تكە جە‌لپ قىلالايدۇ.‏—‏تىتۇ‌س 2:‏10‏.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

راستچىل بولۇ‌شقا يە‌ھۋانىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ۋە راستچىللىقنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى كۆرۈڭ.‏ تۇ‌رمۇ‌شتا ھە‌رخىل ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قانداق راستچىل بولالايدىغانلىقىڭىزنى ئۆگىنىڭ.‏

4.‏ راستچىللىق يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ

زە‌بۇ‌ر 44:‏21 ۋە مالاكى 3:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىزنىڭچە،‏ نېمە ئۈچۈن مە‌لۇ‌م بىر ئىشنى يوشۇ‌رۇ‌پ قالالايمە‌ن دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ ھە‌تتا قىيىن ئە‌ھۋالدىمۇ راستىنى ئېيتساق،‏ يە‌ھۋا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏

بالىلار راستچىل بولسا،‏ ئاتا-‏ئانىلىرىنى خۇ‌شال قىلىدۇ.‏ بىزمۇ راستچىل بولساق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ قە‌لبى شاد-‏خۇ‌راملىققا تولىدۇ

5.‏ ھە‌ردائىم راستچىل بولۇ‌ڭ

نۇ‌رغۇ‌ن ئىنسانلار ھە‌ردائىم راستچىل بولۇ‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س دېيىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ نېمە ئۈچۈن بىز ھە‌ردائىم راستچىل بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

ئىبرانىيلار 13:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ ۋە كېيىن تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە راستچىل بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ:‏

  • ئائىلىدە

  • ئىش ئورنى ياكى مە‌كتە‌پتە

  • باشقا ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە

6.‏ سە‌مىمىي ياكى راستچىل بولۇ‌ش بىزگە پايدىلىق

بىز سە‌مىمىي ياكى راستچىل بولساق،‏ بە‌لكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە زىيان تارتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ يىراقنى كۆزلىگە‌ندە،‏ بىز ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بار.‏ زە‌بۇ‌ر 34:‏12–‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • راستچىللىق تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى قانداق ياخشىلايدۇ؟‏

  1. ‏(‏1)‏ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ نىكاھ رىشتىسىنى كۈچە‌يتىدۇ

  2. ‏(‏2)‏ راستچىل ئىشچىلار خۇ‌جايىنلارنىڭ ئىشە‌نچىسىگە ئېرىشىدۇ

  3. ‏(‏3)‏ سە‌مىمىي پۇ‌قرالار ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى ئالدىدا ياخشى نام-‏ئاتاققا ئېرىشىدۇ

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ياخشى نىيە‌تتە يالغان ئېيتىش خاتا ئە‌مە‌س».‏

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ بارلىق يالغانچىلىقلارنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز؟‏

خۇ‌لاسە

يە‌ھۋا ئۆز دوستلىرىنىڭ بارچە گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە راستچىل بولۇ‌شىنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • ھاياتىمىزنىڭ قايسى ساھە‌لىرىدە راستچىل بولالايمىز؟‏

  • راستىنى ئېيتماي يوشۇ‌رۇ‌پ قالالايمە‌ن دە‌پ ئويلاش نېمە ئۈچۈن ئە‌خمە‌قلىق؟‏

  • نېمە ئۈچۈن ھە‌ممىلا ئىشتا راستچىل بولۇ‌شنى خالايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا راستچىل بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىتە‌لە‌يدۇ؟‏

‏«راستچىل بولۇ‌ڭ»‏ (‏44:‏1)‏

ۋە‌دىلىرىمىزنى ئورۇ‌نلاشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

‏«ۋە‌دىلىرىڭىزنى ئورۇ‌نلاپ،‏ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىڭ»‏ (‏09:‏9)‏

باج-‏سېلىقنىڭ ناتوغرا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلسە‌كمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نى چوقۇ‌م تۆلە‌ش كېرە‌ك؟‏

‏«چوقۇ‌م باج-‏سېلىق تۆلە‌ش كېرە‌كمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2011-‏يىل،‏ 1-‏سېنتە‌بىر)‏

ئالدامچى كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ۋە راستچىل بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

‏«يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە كە‌چۈرۈمچان ئىكە‌نلىكىنى بىلىۋالدىم»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2015-‏يىل،‏ 1-‏ماي)‏