مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

9-‏باب

بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتىمىزمۇ؟

بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتىمىزمۇ؟

بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ زاماندا قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئالدىن ئېيتىلغان؟

«ئاخىر كۈنلەردە» ئادەملەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلغان؟

«ئاخىر كۈنلەردە» قانداق خۇشال ۋەزىيەتنىڭ راۋاجلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا قانداق بېشارەت ئېيتىلغان؟

سـىـز تېلېۋىزوردىن ياكى رادىئودىن خەۋەرلەرنى كۆرگىنىڭىزدە ياكى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ‹بۇ دۇنيا كەلگۈسىدە زادى نېمە بولۇپ كېتەر› دەپ ئويلاپ قالامسىز؟ پاجىئەلىك ئىشلار ئويلاپ باقمىغان ۋاقىتتا ناھايىتى تۇيۇقسىز كېلىدۇ. ئەتە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم ئالدىن بىر نېمە دېيەلمەيدۇ (ياقۇپ 4:‏14). ئەمما پەرۋەردىگار يەھۋا كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (يەشايا 46:‏10). ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب، پەقەت بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قانداق پاجىئەلىك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بېرىپ قالماستىن، يەنە يېقىن كەلگۈسىدە ئاجايىپ بەخت-‏سائادەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن.

2 مەسىھ ئەيسا رەزىللىكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدىغان خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدى (لۇقا 4:‏43). شۇ چاغدا ئادەملەر خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلگۈسى كەلگەن. ھەمدە ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن:‏ «بۇ نە ۋاقىت بولىدىغانىنى ۋە كېلىشىڭنىڭ ۋە بۇ ئالەمنىڭ ئاخىرىنىڭ ئالامىتى نېمە ئىكەنىنى بىزگە ئېيتىپ بەرگىن؟» دەپ سورىغان (مەتتا 24:‏3). ئەيسا ئۇلارغا:‏ مۇشۇ زامان ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت-‏سائەتنىڭ زادى قاچان كېلىدىغانلىقىنى پەقەت يەھۋالا بىلىدۇ دەپ جاۋاب بەرگەن (مەتتا 24:‏36). گەرچە ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا بۇ زاماننىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت-‏سائىتىنى ئېنىق ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئۇ خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلارغا ھەقىقىي تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. ئۇ ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلەر بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ!

3 ھازىر بىز «ئاخىرقى زاماندا» ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ دەلىل-‏ئىسپاتلىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئاۋۋال، ئىنساننىڭ كۆز بىلەن كۆرۈشى مۇمكىن بولمايدىغان ئاسماندا يۈز بەرگەن بىر مەيدان جەڭ ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. بۇ جەڭنىڭ نەتىجىسىنىڭ بىز بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.

ئاسماندىكى جەڭ

4 مەسىھ ئەيسانىڭ 1914-‏يىلى پادىشاھ بولۇپ ئاسماندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغانلىقى ھەققىدە مۇشۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى بابىدا چۈشەندۈرگەن ئىدۇق (دانىيال 7:‏13، 14). پادىشاھ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەيسا مەسىھ ھەرىكەتكە كەلدى. مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئاسماندا بىر جەڭ ۋەقە بولدى» دەيدۇ. «مىكائىل [يەنە بىر ئىسمى ئەيسا] ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا [شەيتان ئىبلىس] بىلەن جەڭلەشتى».* شەيتان بىلەن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان جىنلار دەپ ئاتالغان ئەسكى پەرىشتىلەر جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ ئاسماندىن يەر يۈزىگە قوغلاپ تاشلاندى. شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان جىنلار قوغلاپ تاشلانغاچقا، ئاللانىڭ ساداقەتمەن پەرىشتىلىرى خۇشاللىققا چۆمدى. گەرچە ئاسماندىكى پەرىشتىلەر خۇشاللىققا چۆمگەن بولسىمۇ، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ئىنسانلار ئاشۇ خۇشاللىقدىن بەھرىمەن بولالمىدى. ئەكسىچە، مۇقەددەس كىتاب ئالدىن بېشارەت بېرىپ:‏ «ۋاي يەرگە…چۈنكى ئىبلىس سىزلەرگە چۈشۈپ ۋاقتىنىڭ ئاز ئىكەنىنى بىلىپ چوڭ غەزەپ بىلەن كەلدى» دەيدۇ. — ۋەھىيلەر 12:‏7، 9، 12.

5 قېنى ئاسماندىكى ئاشۇ بىر مەيدان جەڭنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ باقايلى. شەيتان، ئۇ دەر-‏غەزەپ بىلەن يەر يۈزىگە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىز ھازىر دەل ئاشۇ بالايىئاپەتلىك زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە سىز بىرئازدىن كېيىن كۆرۈپ ئۆتىسىز. بىراق، ئۇ نىسبەتەن قىسقا بىر مەزگىل ۋاقىت بولۇپ، ھەتتا شەيتان ئۆزى «ۋاقتىنىڭ ئاز» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. مۇقەددەس كىتاب مۇشۇ قىسقا بىر مەزگىل ۋاقىتنى «ئاخىرقى كۈنلەر» ياكى ئاخىر زامان دەپ تىلغا ئالغان (2-‏تىموتىي 3:‏1). ئاللانىڭ يېقىن كەلگۈسىدە شەيتاننىڭ يەرشارىغا بولغان تەسىرىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىش بىزنى نەقەدەر خۇشال قىلىدۇ، ھە! مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن بەزى ئىشلارنىڭ بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. مۇشۇ ئىشلار بىزنىڭ ئاخىرقى زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يەھۋانى سۆيگەن كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك بەخت-‏سائادەتنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاۋۋال، بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ زاماننىڭ ئالامىتى ياكى بەلگىسى سۈپىتىدە مەسىھ ئالدىن بېشارەت بەرگەن ۋەكىللىك تۆت ئىشنى كۆرۈپ باقايلى.

ئاخىر زاماندىكى دۇنيا ۋەزىيىتى

ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر ھەققىدىكى بىر كۆرۈنۈش

6 «تائىفە تائىفەنىڭ [مىللەت مىللەتنىڭ] ئۈستىگە ۋە مەملىكەت مەملىكەتنىڭ ئۈستىگە زىت قوپار» (مەتتا 24:‏7). ئالدىنقى ئەسىردە مىليونلىغان ئادەملەر ئۇرۇشتا ئۆلدى. مۇشۇ ھەقتە ئەنگلىيىلىك بىر تارىخشۇناس:‏ «20-‏ئەسىر، ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىلەنگەن تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلگەن ئەسىر بولۇپ…ئۇ جاي ياكى بۇ جايدا داۋاملىق ئۇرۇش يۈز بېرىپ ئۇرۇشسىز ئۆتكەن تىنچ ۋاقىت ناھايىتى قىسقا بولغان» دەپ يازغان. دۇنيا نازارەت قىلىش تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدا:‏ «20-‏ئەسىردە ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى، مىلادى 1-‏ئەسىردىن 1899-‏يىلغىچە ھەممە ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئۈچ ھەسسىگە باراۋەر بولغان» دەپ ئېلان قىلىنغان. 1914-‏يىلدىن بۇيان ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 100 مىليوندىن كۆپرەك بولغان. شۇ ئۇرۇشلاردا مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئۆز يېقىن ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ چەككەن ئاچچىق قايغۇ-‏ھەسرەت ۋە دەرد-‏ئەلەملىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.

7 «يەردىن يەرگە ئاچارچىلىقلار…بولۇر» (مەتتا 24:‏7). تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالدىنقى 30 يىلدا پۈتۈن دۇنيانىڭ يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى ناھايىتى زور كۆلەمدە ئاشقان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئاچارچىلىقلار داۋاملاشماقتا. چۈنكى، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ يىمەكلىك سېتىۋالغۇدەك يېتەرلىك پۇلى ياكى زىرائەت تېرىغۇدەك تېرىلغۇ يېرى يوق. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئادەملەرنىڭ ئىش ھەققى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاچارچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچار بولۇشى دۇنيادا ھەر يىلى 5 مىليون بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق بىر سەۋەب بولغان.

8 «يەردىن يەرگە چوڭ…زىلزىلىلەر [يەر تەۋرەشلەر]…بولۇر» (لۇقا 21:‏11). ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1990-‏يىلدىن بۇيان بىنالار زىيانغا ئۇچراپ، يەرلەر يېرىلىپ كەتكۈدەك كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 17 قېتىم يۈز بېرىپ كەلگەن. بۇندىن باشقا، بىنالارنى ئۆرۈپ چۈشۈرىدىغان كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەر ھەر يىلى دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدىكەن. باشقا ماتېرىياللارنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ئالدىنقى 100 يىل جەريانىدا يۈز مىڭلىغان ئادەملەر يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن بولۇپ، پەن-‏تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى پەقەت ئازراقلا كېمەيتەلىگەن».

9 «يەردىن يەرگە…ۋابالار بولار» (لۇقا 21:‏11). بۈگۈنكى كۈندە تېبابەت ئىلمى تەرەققىي قىلىپ ئىلغار داۋالاش باسقۇچىغا يەتكەن بولسىمۇ، كونا-‏يېڭى كېسەللىكلەر يەنىلا ئىنسانلار ئۈچۈن تۈگىمەس بىر بالايىئاپەت بولماقتا. بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ھەممىگە تونۇش بولغان 20 تۈرلۈك كېسەللىك بار بولۇپ ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، بەزگەك، خولېرا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېسەللىكلەر يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا يەرشارىدا كەڭ تارقالغان. ھازىر ئاشۇ كېسەللىكلەرنىڭ بەزىلىرىنى دورا بىلەن داۋالاپ ساقايتىش بارغانسېرى قىيىن بولۇۋېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاز دېگەندىمۇ 30 تۈرلۈك يېڭى كېسەللىك پەيدا بولغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جاننى ئالىدىغان كېسەللىك بولۇپ، تەتقىقاتچى ئالىملار ھازىرغىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى تاپالمىغان.

ئاخىر زاماندا ئادەملەر قانداق بولۇۋاتىدۇ

نۇرغۇن كىشىلەر خۇدادىن كەلگەن دانا يولباشچىلىققا پەرۋا قىلمايدۇ

10 مۇقەددەس كىتاب دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بېرىپ قالماستىن، يەنە ئاخىر زاماندا كىشىلەرنىڭ ئەخلاق-‏پەزىلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەن. ئەلچى پاۋلۇس كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، تىموتىي 2-‏خەت 3-‏باب 1-‏5-‏ئايەتتە:‏ «ئاخىرقى كۈنلەردە تەس ۋاقىتلار كېلەدۇر» دېگەن. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ تۆۋەندە كۆرسىتىلگەندەك بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان.

  • ئادەملەر ئۆزىنى ئويلايدىغان
  • پۇلنى دوست تۇتقۇچى
  • ئاتا-‏ئانىغا ئىتائەت قىلمايدىغان
  • ۋاپاسىز
  • مۇھەببەتسىز
  • ئۆزىنى توختاتمايدىغان
  • ۋەھشىي
  • خۇدانى دوست تۇتۇشتىن لەززەتنى زىيادىرەك دوست تۇتقۇچى بولۇر
  • تەقۋادارلىقنىڭ سۈرىتىدە بولۇپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلۇر

11 سىز ياشاۋاتقان مەھەللىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك كىشىلەر بارمۇ؟ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ بولۇشى شەك-‏شۈبھىسزدۇر. دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا ئاشۇنداق ناچار ئادەملەر بار. مۇشۇلار خۇدانىڭ پات-‏ئارىدا تېزلا ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، زەبۇر 92-‏باب 7-‏ئايەت:‏ «يامانلار ئوت [ئوت-‏چۆپ] تەك كۆكلەپ، بەدكارلار [يامانلىق قىلغۇچىلار] نىڭ ھەممىسى چېچەكلەپ گۈللىسىمۇ بۇ ئۆزى ئەبەدغىچە ھالاك قىلىنماق ئۈچۈن بولۇر» دەيدۇ.

خۇشال ۋەزىيەت

12 مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن ئېيتىلغاندەك، ئاخىر زامان كۈنلىرى ھەقىقەتەن بالايىئاپەتلەرگە تولدى. گەرچە بۇ دۇنيا ھازىر قىيىنچىلىققا تولغان بولسىمۇ، پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئارىسىدا خۇشال ۋەزىيەت كۈندىن-‏كۈنگە راۋاجلانماقتا.

پادىشاھلىقنىڭ ئىنجىلى [خۇش خەۋىرى] ھەممە تائىفە [مىللەت] لەرگە گۇۋاھلىق بولماق ئۈچۈن بارچە دۇنيادا بېشارەت بېرىلۇر. — مەتتا 24:‏14

يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتماقتا

13ھەقىقىي بىلىم «ئېشىپ زىيادەلىشەدۇر» دەپ مۇقەددەس كىتابتا دانىيال پەيغەمبەر ئالدىن بېشارەت بەرگەن. قاچان ئاشۇ ھەقىقىي بىلىم ئېشىپ زىيادە مول بولىدۇ؟ دەل دۇنيانىڭ «ئاخىرقى ۋاقىت»تا (دانىيال 12:‏4). بولۇپمۇ 1914-‏يىلدىن بۇيان، يەھۋا ئۆزىگە خىزمەت قىلىشقا ھەقىقىي ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىپ يېتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلماقتا. ئاشۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئىرادىسى، مەسىھ ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى، ئادەملەر ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقى ۋە تېرىلىش قاتارلىق ناھايىتى قىممەتلىك ھەقىقىي بىلىمنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، تەڭرى يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار قانداق ياشىغاندا ئۆزىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە يەھۋاغا شان-‏شەرەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇلار يەنە خۇدا پادىشاھلىقى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگۈسىدە يەر يۈزىنىڭ ۋەزىيىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىپ ئىشلارنى ئۆز ئورنىغا سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. ئۇلار مۇشۇ ھەقىقىي بىلىم ئارقىلىق نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ سوئال مۇقەددەس كىتابتىكى يەنە بىر ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاشۇ بېشارەت ھازىر مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنى ئاخىر زاماننىڭ كۈنلىرىدە ئەمەلگە ئاشماقتا.

14 «پادىشاھلىقنىڭ ئىنجىلى [خۇش خەۋىرى] ھەممە تائىفە [مىللەت] لەرگە گۇۋاھلىق بولماق ئۈچۈن بارچە دۇنيادا بېشارەت بېرىلۇر»، ئاندىن كېيىن «ئاخىر كېلۇر» دەپ ئەيسا مەسىھ مۇشۇ شەيتاننىڭ دۇنياسىنىڭ ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، يۇقىرىقى پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى توغرىسىدىكى بېشارەتنى ئالدىن ئېيتقان (مەتتا 24:‏3، 14). يەر يۈزىدە جاي-‏جايلاردا تارقىتىلىۋاتقان خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى بولسا، خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟ ئاشۇ پادىشاھلىق كەلگۈسىدە قايسى ئىشلارنى قىلىدۇ؟ بىز قانداق قىلىپ پادىشاھلىق ئېلىپ كەلگەن بەخت-‏سائادەتتىن بەھرىمەن بولالايمىز؟ دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھازىر 230 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر 400 دىن كۆپرەك تىلدا ھەر مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا تارقىتىلىۋاتىدۇ. مىليونلىغان يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقاتماقتا. ئاشۇ گۇۋاھچىلار «ھەر تائىفە [قوۋم] دىن ۋە ھەر قەبىلەدىن ۋە ھەر مىللەتتىن ۋە ھەر تىلدىن» كەلگەن (ۋەھىيلەر 7:‏9). ئۇلار مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بارلىقىنى بىلىشنى خالايدىغان مىليونلىغان كىشىلەرگە ھەقسىز مۇقەددەس كىتابتىن بىلىم بەرمەكتە. گەرچە ئەيسا ئالدىن ئېيتىپ، ھەممە كىشىلەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى «يامان كۆرۈرلەر» دەپ بېشارەت بەرگەن بولسىمۇ، خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە تارقىتىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ! — لۇقا 21:‏17.

سىز قانداق قىلماقچى؟

15 بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە نۇرغۇن مۇقەددەس كىتابتىكى ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشقان ئىكەن، بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتىمىز دېسەك سىز قۇشۇلمامسىز؟ خۇش خەۋەر خۇدانى مەمنۇن قىلغۇدەك تارقىتىلغاندىن كېيىن، «ئاخىر» جەزمەن كېلىدۇ (مەتتا 24:‏14). «ئاخىر» بۇ دېگەنلىك ئاللا يەر يۈزىدىكى رەزىللىكلەرنى تازىلاپ چىقىرىپ تاشلايدىغان ۋاقىت-‏سائەتنى بىلدۈرىدۇ. يەھۋا ئۆزىگە قەستەن قارشى چىققۇچىلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن مەسىھ ئەيسا ۋە باشقا كۈچلۈك پەرىشتىلەرنى ئىشلىتىدۇ (2-‏سالونىكالىقلار 1:‏6-‏9). شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان جىنلار يەنە ئىنسانلارنى ئازدۇرالمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئادىللىق بىلەن باشقۇرۇشىغا بويسۇنغان بارلىق ئىنسانلار خۇدا پادىشاھلىقى ئېلىپ كېلىدىغان پۈتمەس-‏تۈگىمەس بەخت-‏سائادەتكە ئىگە بولىدۇ. — ۋەھىيلەر 20:‏1-‏3؛ 21:‏3-‏5.

16 شەيتان كونترول قىلىۋاتقان بۇ رەزىل دۇنيا ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان ئىكەن، ھەربىرىمىز ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن، ‹مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟› دەپ سورىشىمىز زۆرۈر. داۋاملىق يەھۋا توغرىسىدا بىلىم ئېلىپ ئۇنىڭ بىزدىن نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىش دانالىقتۇر (يۇھاننا 17:‏3). مۇقەددەس كىتابنى تىرىشىپ ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ. ھەمدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشنى ئىزدىگۈچىلەر بىلەن دائىم ئالاقە قىلىپ تۇرۇشنى ئۆز ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇۋېلىڭ (ئىبرانىيلار 10:‏24، 25). ئاللا يەھۋا پۈتكۈل دۇنيا كىشىلىرى ئۈچۈن بەرگەن مول بىلىملەرنى ئېلىپ تۇرمۇشىڭىزدا ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز تەڭرى يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايسىز. — ياقۇپ 4:‏8.

17 ئەيسا مەسىھ ئالدىن بېشارەت بېرىپ كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ بىزنىڭ ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئېنىق دەلىل ئىسپاتلىرىغا كۆز يۇمۇپ پەرۋاسىز قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان. رەزىل ئادەملەرنى يوق قىلىش كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا ناھايىتى تۇيۇقسىز كېلىدۇ. ئاشۇ كۈن كېچىدىكى ئوغرىدەك تۇيۇقسىز كېلىپ كۆپلىگەن ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ (1-‏سالونىكالىقلار 5:‏2). ھەزرىتى ئەيسا ئاگاھلاندۇرۇپ:‏ «توپاننىڭ ئىلگىرىكى كۈنلىرىدە نۇھ كېمىگە كىرگەن كۈنگىچە ئۇلار يەپ ئىچىپ خوتۇن ئېلىپ ئەرگە تېگىپ تۇرغاندەك ۋە توپان كېلىپ ھەممىسىنى بېسىپ ئېلىپ كەتكۈچە ئۇلار ھېچ نېمە بىلمىگەندەك ئىبنالئىنسان [ئىنسان ئوغلى] نىڭ كېلىشى ھەم شۇنداق بولۇر» دېگەن. — مەتتا 24:‏37-‏39.

18 شۇنداق قىلىپ، ئەيسا ئۆز سۆزىنى ئاڭلىغان كىشىلەرنى:‏ «ئەمما ئۆزىڭىز ئاگاھ بولۇڭلاركى كۆڭۈللىرىڭىز مەستلىكتە ۋە شاراپ ئىچىشتە ۋە تېرىكچىلىك ئەندىشىسىدە ئېغىرلاشمىغاي ۋە ئۇ كۈن سىزلەرنىڭ ئۈستىڭىزگە تۇيۇقسىز كەلمىگەي، چۈنكى بارچە يەر يۈزىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر تۇزاقدەك كېلەدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئويغاق تۇرۇپ بۇ ۋەقە بولىدىغاننىڭ ھەممىسىدىن قۇتۇلۇپ ئىبنالئىنسان [ئىنسان ئوغلى] نىڭ ئالدىدا تۇرغىلى لايىق بولمىقىڭىز ئۈچۈن ھەمىشە دۇئا قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان (لۇقا 21:‏34-‏36). مەسىھنىڭ سۆزىنى قەلبىمىزدە مەھكەم ساقلاش دانالىقتۇر. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا خۇدانىڭ ۋە «ئىنسان ئوغلى» يەنى مەسىھ ئەيسانىڭ كۆڭلىنى مەمنۇن قىلىپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ شەيتاننىڭ بۇ رەزىل دۇنياسىنىڭ ئاخىرلىشىپ ھالاك بولۇش ۋاقتىدا قۇتۇلۇشىغا ئۈمىد بار ھەمدە ئاشۇ كىشىلەر پات-‏ئارىدا كېلىدىغان ئاجايىپ يېڭى دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. — يۇھاننا 3:‏16؛ 2-‏پېترۇس 3:‏13.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • ئاخىر زاماننىڭ ئالامىتى ياكى بەلگىسى — ئۇرۇشلار، ئاچارچىلىق، يەر تەۋرەشلەر ۋە ۋابالار يەنى كېسەللىكلەردۇر. — مەتتا 24:‏7؛ لۇقا 21:‏11.
  • ئاخىر زاماننىڭ كۈنلىرىدە نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىلا دوست تۇتىدىغان، پۇلپەرەس ۋە خۇدانى دوست تۇتۇشتىن لەززەتنى زىيادىرەك دوست تۇتىدىغان بولىدۇ. — 2-‏تىموتىي 3:‏1-‏5.
  • ھازىر بىز ياشاۋاتقان ئاخىر زامان كۈنلىرىدە، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى پۈتكۈل دۇنيادا تارقىتىلماقتا. — مەتتا 24:‏14.

* ئەيسا مەسىھنىڭ يەنە بىر ئىسمىنىڭ مىكائىل ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى قۇشۇمچە ئىزاھاتتىن كۆرۈڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىز قەيەردىن مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايمىز؟

2، 3. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن نېمە سوئال سورىدى؟ ئۇ ئۇلارغا قانداق جاۋاب بەردى؟

4، 5. (1) ئەيسا مەسىھ پادىشاھ بولۇپ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاسماندا نېمە ئىش يۈز بەردى؟ (2) ۋەھىيلەر 12-‏باب 12-‏ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئاسماندىكى جەڭنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟

6، 7. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىرى بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئەمەلگە ئاشماقتا؟

8، 9. نېمە يەر تەۋرەش ۋە ۋابالار ھەققىدە ئەيسانىڭ ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسەتتى؟

10. مۇقەددەس كىتابنىڭ تىموتىي 2-‏خەت 3-‏باب 1-‏5-‏ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان قايسى سۈپەتلەرنى بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇنيا كىشىلىرى ئارىسىدا كۆرۈۋالالايمىز؟

11. كەلگۈسىدە يامان ئادەملەرگە نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە زەبۇر 92-‏باب 7-‏ئايەت نېمە دەيدۇ؟

12، 13. دۇنيانىڭ «ئاخىرقى ۋاقىت»دا قايسى ھەقىقىي بىلىم ئېشىپ زىيادە مول بولدى؟

14. بۈگۈنكى كۈندە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر قانداق تارقىتىلىۋاتىدۇ ۋە كىملەر ئاشۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتىدۇ؟

15. (1) سىز بىزنىڭ ھازىر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ (2) خۇداغا قارشى چىققۇچىلار ۋە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنغۇچىلار ئۈچۈن «ئاخىر» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

16. قانداق قىلىش سىز ئۈچۈن دانالىقتۇر؟

17. نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىدىغان ئاشۇ كۈننىڭ كېلىشى كۆپلىگەن ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ؟

18. ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ قايسى سۆزىنى قەلبىمىزدە مەھكەم ساقلىشىمىز كېرەك؟