مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5-‏باب

تۆلەم — خۇدانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق سوۋغىسى

تۆلەم — خۇدانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق سوۋغىسى

تۆلەم دېگەن نېمە؟

خۇدا تۆلەمنى قانداق ئورۇنلاشتۇردى؟

بىز ئۈچۈن تۆلەم قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟

تۆلەم ئۈچۈن ئۆز مىننەتدارلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟

سـىـز قوبۇل قىلغان سوۋغاتلار ئارىسىدا قايسى سوۋغات سىزگە نىسبەتەن ئەڭ قىممەت باھالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؟ بىر ئەھمىيەتلىك سوۋغاتنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە، سوۋغاتنىڭ قەدىر-‏قىممىتىنىڭ پۇل بىلەن ئۆلچىنىشى زۆرۈر ئەمەس. ئەكسىچە، ئەڭ قىممەت باھالىق سوۋغات سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان ياكى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى موھتاجلىقىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان سوۋغاتتۇر. دەل مۇشۇنداق سوۋغات سىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىر-‏قىممەتلىك!

2 سىز ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان سوۋغاتلار ئارىسىدا ئەڭ قىممەتلىك بىر سوۋغات باركى، ئۇنىڭ قەدىر-‏قىممىتىنى ھېچ نەرسە بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ، خۇدانىڭ ئىنسانىيەتكە بەرگەن سوۋغىتى. ئەمەلىيەتتە، پەرۋەردىگارىمىز يەھۋا بىزگە كۆپ سوۋغاتلارنى بەرگەن. لېكىن، ئۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ئۆز ئوغلى ئەيسانى بىز ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە بەرگەنلىكىدۇر (مەتتا 20:‏28). مۇشۇ بابتا، تۆلەم — ئەڭ قىممەت باھالىق سوۋغات ئىكەنلىكىنى كۆرۈمىز، چۈنكى ئۇ سوۋغاتلار ئارىسىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى بولۇپ سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ ھەمدە سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ موھتاجلىقىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. تۆلەم — ياراتقۇچى ئىگىمىز يەھۋانىڭ سىزگە بولغان مېھر-‏مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىپادىلىنىشدۇر.

تۆلەم دېگەن نېمە؟

3 ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، تۆلەم — ئۇ، تەڭرى يەھۋانىڭ ئىنسانىيەتنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوللانغان بىر ئۇسۇلىدۇر (ئەفەسلىكلەر 1:‏7). مۇقەددەس كىتابنىڭ تۆلەم ھەققىدىكى تەلىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەننەتتە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. پەقەت ئادەم-‏ئاتا گۇناھ قىلىپ نېمىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى چۈشەنسەك، تۆلەمنىڭ بىز ئۈچۈن قىممەت باھالىق سوۋغات ئىكەنلىكىدىن مىننەتدار بولىمىز.

4 پەرۋەردىگار يەھۋا ئادەم-‏ئاتىنى ياراتقان چاغدا، ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قىممەتلىك مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى بەرگەن. مۇكەممەل ئىنسان ھاياتى ئادەم-‏ئاتا ئۈچۈن نېمە ئەھمىيەتكە ئىگە؟ مۇكەممەل ئىنسان ھاياتى — مۇكەممەل تەن ۋە ئاڭ-‏سېزىمى بولۇش، ھەرگىزمۇ كېسەلگە گىرىپتار بولماسلىق، قېرىپ كەتمەسلىك ۋە ئۆلمەي ياشاش دېگەندىن ئىبارەتتۇر. مۇكەممەل ئىنسان ئادەم-‏ئاتا بىلەن خۇدا ئۆزگىچە ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى مېھرىبان ئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر ئايىتىدە ئادەم-‏ئاتا «خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ ئاتالغان (لۇقا 3:‏38، ھ.ز.). ياراتقۇچى يەھۋا خۇدا، يەر يۈزىدىكى ئوغلى ئادەم-‏ئاتىغا سۆز قىلىپ، خۇدا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى مەمنۇن قىلىدىغان بىر ۋەزىپىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ ئادەم-‏ئاتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ئادەم-‏ئاتىغا بىلدۈرگەن. — يارىتىلىش 1:‏28-‏30؛ 2:‏16، 17.

5 ئادەم-‏ئاتا، «خۇدانىڭ سۈرىتىدە» يارىتىلغان (يارىتىلىش 1:‏27). ئەلۋەتتە، بۇنداق دېگەنلىك ئادەم-‏ئاتا قادىر خۇدانىڭ سىياقىدا بولغان دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى بىز 1-‏بابتا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، پەرۋەردىگار يەھۋا كۆزگە كۆرۈنمەس روھى زات (يۇھاننا 4:‏24). شۇنداق ئىكەن، يەھۋانىڭ گۆش ۋە قاندىن تۈزۈلگەن تېنى يوق. ئادەم-‏ئاتا خۇدانىڭ سۈرىتىدە يارىتىلغان دېگەنلىك، خۇدانىڭ ئالاھىدە پەزىلەتلىرى، مەسىلەن، مېھر-‏مۇھەببەت، ئەقىل-‏پاراسەت، ئادالەت ۋە كۈچ-‏قۇدرىتى ئادەم-‏ئاتىدا ئەكس ئەتتۈرۈلدى دېگەندىن ئىبارەت. ئادەم-‏ئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسى خۇدانىڭ يەنە بىر مۇھىم ئوخشاشلىق تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە. دېمەك، ئادەم-‏ئاتا، ئۇ ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن بۇيرۇق ئارقىلىقلا ئىشلەيدىغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشىمايدۇ. ئەكسىچە، توغرا ۋە خاتانى تاللاشتا ئۆزىنىڭ شەخسى قارار قىلىش ئەركىنلىكى بار. ئەگەر ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىشنى تاللىغان بولسا، يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ھايات كەچۈرگەن بولاتتى.

6 ئادەم-‏ئاتا خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئاشۇ ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىدى. ئاشۇ بەدەلنى تۆلەش، ئۆزىگە بېرىلگەن مۇكەممەل ئىنسان ھاياتى بىلەن بارلىق بەخت-‏سائادەتنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەب بولدى (يارىتىلىش 3:‏17-‏19). ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئادەم-‏ئاتا پەقەت ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ھاياتىنى يوقىتىپ قالماستىن، بەلكى يەنە كېلەچەكتىكى پەرزەنتلىرىنىڭ مۇكەممەل ھاياتىنى نابۇت قىلدى. مۇقەددەس كىتاب:‏ «يالغۇز بىر ئادەم [ئادەم-‏ئاتا] نىڭ ۋاستىسى بىرلە دۇنياغا گۇناھ كىردى ۋە گۇناھنىڭ ۋاستىسى بىرلە ئۆلۈم كەلدى ۋە ھەممىسى گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم ھەممە ئادەملەرگە يېتىپتۇر» دەيدۇ (رىملىقلار 5:‏12). ھەقىقەتەن، بىز ھەممىمىز ئادەم-‏ئاتىدىن گۇناھنى مىراس ئالدۇق. شۇ سەۋەبتىن، مۇقەددەس كىتابتا:‏ ئۇ ئۆزىنى ۋە ئۆز ئەۋلادلىرىنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمگە قۇل قىلىپ «ساتقان» دەپ ئېيتىلغان (رىملىقلار 7:‏14). ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا ئۈچۈن ئۈمىد قالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشنى تاللىغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئۈمىد يوقمۇ؟

7 ئاللا يەھۋا ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۆلەم ئورۇنلاشتۇردى. تۆلەم دېگەن نېمە؟ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى ئوخشىمايدىغان ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، تۆلەم — ئۇ بېرەر كىمنى، مەسىلەن، ئەسىرنى ياكى قۇلنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ھەق. شۇنىڭدەك، گۆرۈگە قويۇلغان بۇيۇملارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بېرىشكە تېگىشلىك پۇل. ئىككىنچى، تۆلەم — ئۇ، مەلۇم نەرسىنى ئۆز تەننەرخى بويىچە قايتۇرۇش ياكى ھەق بېرىش بولۇپ، باشقىلارغا زىيان سالغاندا ياكى بىرەر نەرسىنى بۇزۇپ قويغاندا تۆلەشكە تېگىشلىكتۇر. ئالايلۇق، ئەگەر بىر كىشى ۋەقە سادىر قىلىپ باشقا بىر كىشىنى يارىلاندۇرسا ياكى بىر نەرسىنى بۇزۇپ قويسا، يارىلانغان كىشىنىڭ داۋالىنىش ۋە باشقا چىقىملىرىنى تۆلىشى ۋە ياكى ئاشۇ بۇزۇلغان نەرسە ئۈچۈن ئەسلى باھاسىغا تەڭ مىقداردا تۆلەم بېرىشى كېرەك.

8 ئۇنداقتا، ئادەم-‏ئاتا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشۇ چوڭ زىياننى تۆلەپ، ئىنسانىيەتنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللىقىدىن ئازاد قىلىشقا قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ تۆۋەندە پەرۋەردىگار يەھۋا بىز ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان بىر تۆلەم ۋە ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز.

پەرۋەردىگار يەھۋا تۆلەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى

9 ئادەم-‏ئاتا مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى يوقاتقانلىق سەۋەبىدىن، ھېچ بىر مۇكەممەل ئەمەس ئىنسان ئۇ مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تۆلەم بېرەلمەيدۇ (زەبۇر 49:‏7، 8). چۈنكى، تۆلەشكە تېگىشلىك تۆلەم ھەققى چوقۇم ئادەم-‏ئاتىنىڭ يوقاتقىنى بىلەن تەڭ قىممەتكە ئىگە بولىشى شەرت. بۇ مۇقەددەس كىتاب قائىدە-‏قانۇنىدىكى، مۇنۇ «جان ئورنىغا جان» دېگەن مۇكەممەل ئادىللىق پرىنسىپىغا ناھايىتى ماس كەلگەن (تەكرار قانۇن 19:‏21). شۇڭلاشقا، قانداق ئىنسان جېنى ياكى ھاياتى، ئادەم-‏ئاتا يوقاتقان مۇكەممەل ئىنسان ھاياتى بىلەن تەڭ قىممەتلىك ھەق تۆلەش بولالىغان؟ باشقا بىر مۇكەممەل ئىنسان ھاياتى ئارقىلىق مۇناسىپ ‹تۆلەم تۆلەش› تەلەپ قىلىنغان. — 1-‏تىموتىي 2:‏6.

ئەيسا ئۆز جېنىنى تۆلەم قۇربانلىقىغا بەرمەكتە

يەھۋا خۇدا يالغۇز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقىغا بەردى

10 پەرۋەردىگار يەھۋا تۆلەمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغان؟ خۇدا مۇكەممەل روھى ئوغۇللىرى ئارىسىدىن بىرنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ تاللىغىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز ئوغلى ئەيسا (1-‏يۇھاننا 4:‏9، 10). بۇ ئوغۇل ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاسماندىكى ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەر يۈزىگە كەلگەن (فىلىپىلىكلەر 2:‏7). بىز ئالدىنقى بابتا ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تەڭرى يەھۋا مۆجىزە كۆرسىتىپ ئۆز ئوغلىنىڭ ھاياتىنى پاك قىز مەريەمنىڭ قورسىقىغا كۆچۈردى. بۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ھىمايىسىدە ئەيسا گۇناھدىن خالىي مۇكەممەل ئىنسان بولۇپ تۇغۇلدى. — لۇقا 1:‏35.

11 بىراق، قانداق قىلىپ بىر كىشىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھى ئۈچۈن تۆلەم بەرگىلى بولسۇن؟ دەسلەپتە، قانداق قىلىپ مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھكار بولۇپ قالغانلىقى يادىڭىزدىمۇ؟ ئەسلەپ باقسىڭىز، ئادەم-‏ئاتا گۇناھ قىلىپ، ئۇ ئىگە بولغان مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇكەممەل ئەمەس ئىنسان بولغان. ئۇ ئەۋلادلىرىغا مۇكەممەل ھاياتنى مىراس قالدۇرالمىغان، بەلكى گۇناھ بىلەن ئۆلۈمنى ئۇلارغا مىراس قالدۇرغان. مۇقەددەس كىتابتا «ئاخىرقى ئادەم» دەپ ئاتالغان ئەيسا مەسىھ گۇناھدىن خالىي مۇكەممەل ئىنسان بولغان (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏45). شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەسىھ ئەيسا بىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئادەم-‏ئاتىنىڭ ئورنىنى ئالغان، ئاللا يەھۋاغا پۈتۈنلەي ئىتائەتچان بولۇپ ئۆز مۇكەممەل ھاياتىنى قۇربانلىققا بېرىش ئارقىلىق ئادەم-‏ئاتىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن. شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئادەم-‏ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. — رىملىقلار 5:‏19؛ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏21، 22.

12 مۇقەددەس كىتاب، مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى تارتقان ئازاب-‏ئوقۇبەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئۇ شەپقەتسىزلەرچە قامچىلانغان ۋە تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلانغان، ئاخىردا ئۇ ناھايىتى قىينىلىپ جان بەرگەن (يۇھاننا 19:‏1، 16-‏18، 30؛ قۇشۇمچە ئىزاھات). نېمە ئۈچۈن ھەزرىتى ئەيسانىڭ مۇشۇنداق كۆپ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك بولغان؟ مۇشۇ كىتابنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا كۆرۈپ ئۆتىمىزكى، شەيتان، تەڭرى يەھۋانىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھېچبىر خىزمەتچىسى سىناقلاردا ساداقەتمەنلىكنى ساقلىمايدۇ دەپ داۋراڭ سالغان. لېكىن، مەسىھ ئەيسا ساداقەتمەنلىك بىلەن ئازاب-‏ئوقۇبەتلىك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ شەيتاننىڭ گۇمانىغا مۇۋاپىق ئەڭ ياخشى جاۋابنى بەرگەن. ئەيسا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىبلىس شەيتان مەيلى قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللانسۇن، مۇكەممەل ئىنسان ئۆزى ئىگە بولىدىغان تاللاش ئەركىنلىكى ئارقىلىق خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى پۈتۈنلەي ساقلىيالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئامراق ئوغلىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى كۆرۈش تەڭرى يەھۋانى نەقەدەر خۇشال قىلىدۇ، ھە! — پەندى-‏نەسىھەت 27:‏11.

13 تۆلەم قانداق تۆلەپ بېرىلگەن؟ مىلادى 33-‏يىلى يەھۇدىيلارنىڭ نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى خۇدا ئاشۇ ئۆزىنىڭ مۇكەممەل، گۇناھسىز ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرلۈشىگە يول قويغان. شۇڭلاشقا، ئەيسا ئۆز مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى «بىر مەرتىۋە» مەڭگۈلۈككە قۇربانلىققا بەرگەن (ئىبرانىيلار 10:‏10). ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈنى يەھۋا ئۇنى روھى زات سۈپىتىدە تىرىلدۈرگەن. ئۇ ئاسمانغا قايتقىنىدا، ئادەم-‏ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى يوقاتقان مۇكەممەل ھاياتنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەيسا قۇربان قىلغان مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى قىممەت-‏باھالىق تۆلەم سۈپىتىدە يەھۋاغا تەقدىم قىلغان (ئىبرانىيلار 9:‏24). ئىنسانلارنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاپشۇرۇش زۆرۈر بولغان تۆلەم ئۈچۈن مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلغان. تەڭرى يەھۋا بۇ تەڭ قىممەتلىك تۆلەمنى قوبۇل قىلغان. — رىملىقلار 3:‏23، 24.

تۆلەم سىز ئۈچۈن قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

14 بىز ئىنسانلار گەرچە گۇناھكار بولغان بولساقمۇ، ئاشۇ تۆلەم سەۋەبلىك بەخت-‏سائادەتتىن بەھرىمەن بولالايمىز. ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ئاللا بىزگە ئاتا قىلىدىغان قانداق بەخت-‏سائادەتتىن بەھرىمەن بولالايمىز؟ تۆۋەندىكى بىرقانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

15گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى. بىز مۇكەممەلسىزلىككە مىراس بولغانلىقىمىز سەۋەبلىك، ھەربىر توغرا ئىشنى قىلىش قەلبىمىزدە نۇرغۇن تالاش-‏تارتىش پەيدا قىلىدۇ. ھەممىمىز سۆزىمىزدە ياكى بولمىسۇن ھەرىكىتىمىزدە خاتالىق سادىر قىلىمىز. ئەمما، مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق «گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى» (كولوسىلىقلار 1:‏13، 14، ھ.ز.). لېكىن، مۇشۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلىشىمىز كېرەك. يەنە چوقۇم يەھۋا خۇدادىن كەمتەرلىك بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورىشىمىز لازىم. — 1-‏يۇھاننا 1:‏8، 9.

16ئاللانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش. ئەگەر ۋىجدانىمىز ناپاك بولسا، ناھايىتى ئوڭايلا ئۆزىمىزنى ئۈمىدسىز ۋە ھېچ نەرسىگە يارىماس ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. گەرچە ھەممىمىز مۇكەممەل ئەمەس بولساقمۇ، لېكىن مېھر-‏مۇھەببەتلىك تەڭرى يەھۋا تۆلەم سەۋەبلىك بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغان ھەمدە بىزنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلغان (ئىبرانىيلار 9:‏13، 14). شۇڭا بىز دۇئا ئارقىلىق يۈرەك توق ھالدا پەرۋەردىگارىمىز يەھۋاغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق (ئىبرانىيلار 4:‏14-‏16). پاك ۋىجدانىمىزنى ساقلاش بىزگە روھى خاتىرجەملىك بېرىپ، ئۆز-‏ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىدۇ ۋە تۇرمۇشىمىزغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.

17يەر يۈزى جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىد. مۇقەددەس كىتابنىڭ رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 6-‏باب 23-‏ئايىتىدە (ھ.ز.):‏ «چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم» دېگەنلىكىنى كۆرىمىز. بىراق، ئاشۇ ئايەتنىڭ داۋامىدا خۇدانىڭ «ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر» دەپ يېزىلغان. مۇشۇ كىتابنىڭ 3-‏بابىدا كېلەچەكتىكى يەر يۈزى جەننەتتە بولىدىغان بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلغان ئىدۇق (ۋەھىيلەر 21:‏3، 4). بىز ئاشۇ ھەممە نەرسە تەل بولغان كەلگۈسى بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىپ، پۈتۈنلەي ساغلام مەڭگۈ ھايات ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. چۈنكى، مەسىھ بىزنى ئاشۇ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى. ئاشۇ گۈزەل كېلەچەككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللا سوۋغات سۈپىتىدە بىزگە بەرگەن تۆلەم ئۈچۈن ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك.

سىز ئۆز مىننەتدارلىقىڭىزنى قانداق ئىپادىلىيەلەيسىز؟

18 نېمىشقا بىز ئاشۇ تۆلەم ئۈچۈن تەڭرى يەھۋاغا چوڭقۇر مىننەتدار بولىشىمىز كېرەك؟ ئەگەر بىر كىشى ۋاقتى، زېھنى-‏كۈچى ۋە پۇلنى سەرپ قىلىپ سىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك سوۋغات تەييارلىسا، سىزنىڭ قەلبىڭىزدە قانداق ھېس-‏تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ؟ ئۇ دەل سوۋغات بەرگۈچىنىڭ سىزگە بولغان سەمىمىي سۆيگۈسىنىڭ ئىزھارى ئەمەسمۇ؟ تۆلەم بولسا سوۋغاتلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ قەدىر-‏قىممەتلىك سوۋغاتتۇر. چۈنكى، مۇشۇ سوۋغاتنى بىزگە بېرىش ئۈچۈن خۇدا ئەڭ چوڭ قۇربانلىق ئورۇنلاشتۇردى. يۇھاننا 3-‏باب 16-‏ئايەتتە:‏ «خۇدا دۇنيانى شۇنداق دوست تۇتتىكى [سۆيدىكى، ھ.ز.] ئۆز يالغۇز ئوغلىنى بەردى» دېيىلگەن. تۆلەم — يەھۋانىڭ بىزگە بولغان مېھر-‏مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى. شۇنىڭدەك، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھاياتىنى بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان مەسىھنىڭ بىزگە بولغان مېھر-‏مۇھەببىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر (يۇھاننا 15:‏13). شۇڭا، ئۇ ئالاھىدە سوۋغات تۆلەم — پەرۋەردىگار يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيسا ھەر ئىككىسىنىڭ ھەربىرىمىزنى ناھايىتى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. — گالاتىيالىقلار 2:‏20.

19 ئۇنداقتا سىز قانداق قىلىپ خۇدانىڭ سوۋغىتى بولغان تۆلەم ئۈچۈن ئۆز مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز؟ ئاۋۋال، ئاشۇ تۆلەم سوۋغىتىنى بەرگۈچى يەھۋا خۇدا توغرىسىدا كۆپرەك بىلىم ئېلىڭ (يۇھاننا 17:‏3). مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىپ يەھۋا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشىڭىزغا قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ياردەم بېرىدۇ. تەڭرى يەھۋا توغرىسىدىكى بىلىمىڭىز كۆپەيگەنسېرى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئاشۇ مۇھەببىتىڭىز سىزنى خۇدانى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. — 1-‏يۇھاننا 5:‏3.

مۇقەددەس كىتاب ئوقۇۋاتقان ئايال

تەڭرى يەھۋا توغرىسىدا كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئاشۇ قىممەتلىك سوۋغات تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەشنىڭ بىر ئۇسۇلى

20ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش. ئەيسا توغرىسىدا:‏ «كىمكى ئوغۇلغا ئىشەنسە ئۇنىڭ ئەبەدىي تىرىكلىكى بار» دېيىلگەن (يۇھاننا 3:‏36). ئۇنداقتا، مەسىھكە ئىشەنگەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ ئىشەنچنى پەقەت ئېغىزدىكى سۆز ئارقىلىق كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. مۇقەددەس كىتابتا:‏ «ئىمان…ئەمەلسىز بولسا ئۆلۈكتۇر» دەپ يېزىلغان (ياقۇپ 2:‏26). ھەقىقىي ئىشەنچ «ئەمەل» يەنى ئىش-‏ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. مەسىھكە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قالدۇرغان ئۈلگىسىگە پەقەت ئېغىزدىكى سۆزىمىز ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەلىي ئىش-‏ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەگىشىشتۇر. — يۇھاننا 13:‏15.

21ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان مەسىھنى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخان مۇراسىمىغا قاتنىشىش. مىلادى 33-‏يىلى نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى، ئەيسا مەسىھ ئالاھىدە خاتىرىلەش كەچلىك داستىخان مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان (1-‏كورىنتلىقلار 11:‏20؛ مەتتا 26:‏26-‏28). بۇ مۇراسىم يەنە مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى تۆلەم ئۈچۈن قۇربانلىققا بەرگەنلىكىنى ھەردائىم ئەستە ساقلاش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەلىم بەرگەن. مۇشۇ مۇراسىم توغرىسىدا ئەيسا:‏ «مېنى ياد قىلماق ئۈچۈن مۇنى قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلغان (لۇقا 22:‏19). بىزمۇ ھەريىلى ئۆتكۈزىلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئارقىلىق پەرۋەردىگار يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھرى-‏مۇھەببىتىنى ئەستە ساقلاپ ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز.*

22 يەھۋا خۇدا ئورۇنلاشتۇرغان تۆلەم ھەقىقەتەن قىممەت-‏باھالىق سوۋغاتتۇر (2-‏كورىنتلىقلار 9:‏14، 15). بۇ ئەڭ قەدىر-‏قىممەتلىك سوۋغات، ھەتتا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ تۆۋەندە 6، 7-‏بابلاردا مۇشۇ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • تۆلەم — ئاللا يەھۋانىڭ ئىنسانلارنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇلى. — ئەفەسلىكلەر 1:‏7.
  • تەڭرى يەھۋا يالغۇز ئوغلىنى يەر يۈزىگە بىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ تۆلەم تۆلەشكە ئەۋەتتى. — 1-‏يۇھاننا 4:‏9، 10.
  • تۆلەم ئارقىلىق بىز كەچۈرۈمگە، پاك ۋىجدانغا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق. — 1-‏يۇھاننا 1:‏8، 9.
  • پەرۋەردىگار يەھۋا توغرىسىدا كۆپرەك بىلىم ئېلىش، مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش ۋە مەسىھنى خاتىرىلەش داستىخىنىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئاشۇ تۆلەم ئۈچۈن ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. — يۇھاننا 3:‏16.

*  مەسىھنى خاتىرىلەش داستىخىنى توغرىسىدا كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، قوشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. (1) قانداق سوۋغات سىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىر-‏قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن سىز ئېرىشەلەيدىغان سوۋغاتلار ئارىسىدا تۆلەم ئەڭ قەدىر-‏قىممەتلىك سوۋغات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دېيىشكە بولىدۇ؟

3. تۆلەم دېگەن نېمە؟ نېمە تەلىمنى چۈشەنسەك، تۆلەمنىڭ قىممەت باھالىق سوۋغات ئىكەنلىكىدىن مىننەتدار بولىمىز؟

4. مۇكەممەل ئىنسان ھاياتى ئادەم-‏ئاتىغا نىسبەتەن نېمە ئەھمىيەتكە ئىگە؟

5. مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئادەم-‏ئاتا «خۇدانىڭ سۈرىتى»دە يارىتىلغان دېگەنلىك زادى نېمە دېگەن گەپ؟

6. ئادەم-‏ئاتا خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغاندا ئۇ نېمىنى يوقاتتى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى قانداق تەسىرگە ئۇچرىدى؟

7، 8. تۆلەم ئاساسلىقى قايسى ئىككى ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

9. قانداق تۆلەم تەلەپ قىلىنغان؟

10. پەرۋەردىگار يەھۋا تۆلەمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغان؟

11. قانداق قىلىپ بىر ئىنسان مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىيەلىشى مۇمكىن؟

12. ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشى نېمىنى ئىسپاتلىدى؟

13. تۆلەم قانداق تۆلەپ بېرىلگەن؟

14، 15. «گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىنىش» ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

16. نېمە بىزنى پاك ۋىجدان بىلەن پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؟ ئاشۇنداق پاك ۋىجداننىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟

17. مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشى بىزنى قانداق بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى؟

18. تۆلەم سوۋغىتى ئۈچۈن نېمىشقا يەھۋاغا مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك؟

19، 20. خۇدانىڭ سوۋغىتى بولغان تۆلەم ئۈچۈن ئۆز مىننەتدارلىقىڭىزنى قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيسىز؟

21، 22. (1) نېمە ئۈچۈن ھەريىلى مەسىھنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىمىز لازىم؟ (2) ئالتىنچى، يەتتىنچى بابلاردا نېمە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈلىدۇ؟