مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2-‏باب

مۇقەددەس كىتاب — خۇدادىن كەلگەن كىتاب

مۇقەددەس كىتاب — خۇدادىن كەلگەن كىتاب

قايسى جەھەتتىن مۇقەددەس كىتاب باشقا ھەرقانداق كىتابلاردىن پەرقلىنىدۇ؟

مۇقەددەس كىتاب قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىڭىزغا قانداق ياردەم قىلالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغان بېشارەتلەرگە ئىشىنەلەيسىز؟

سـىـز ئىلگىرى ناھايىتى يېقىن دوستىڭىزدىن بىر سوۋغات تاپشۇرۋالغان ۋاقىتتىكى تەسىراتىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز؟ ئۇ كەچۈرمىش ھېلىھەم سىزنى ھاياجانغا سېلىپ قەلبىڭىزنى شادلاندۇرۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ سوۋغات سىزگە سوۋغات بەرگۈچى توغرىسىدا بەزى نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ — يەنى، ئۇ سىلەرنىڭ دوستلۇقىڭلارنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ. ئاشۇ ۋاقىتتا دوستىڭىزنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سوۋغىتى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتقانلىقىڭىز شەك-‏شۈبھىسىزدۇر.

2 مۇقەددەس كىتاب خۇدادىن كەلگەن بىر سوۋغاتتۇر. ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشمىزگە تېگىشلىك سوۋغات. ئۇ نۇرغۇن ئىشلار توغرىسىدا بىلىم بېرىدىغان تەڭداشسىز كىتاب، ئۇ بولمىسا بىز مۇشۇ بىلىملەرنى بىلەلمەيتۇق. مەسىلەن، ئۇ بىزگە ئاسماندىكى پىلانېتلار، يۇلتۇزلار، يەرشارى ۋە تۇنجى ئەر بىلەن ئايالنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ئىشەنچىلىك قائىدە-‏قانۇنىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىزگە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، غەم-‏ئەندىشىلەرنى يېڭىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب يەنە كەلگۈسىدە خۇدا ئۆز مەقسىتىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىقى ۋە يەرشارىغا بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇش شارائىتىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب نېمە دېگەن كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سوۋغات، ھە!

3 مۇقەددەس كىتاب ھەم كىشىنىڭ قەلبىنى شادلاندۇرىدىغان قىممەتلىك سوۋغات. ئۇ سوۋغات بەرگۈچى ئاللا يەھۋا توغرىسىدا بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ. يەھۋا سوۋغا قىلغان بۇ كىتاب، ئۇ بىزنىڭ ئۇنى تونۇشىمىزنى خالايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتەن سىزنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

4 سىزدە مۇقەددەس كىتاب بارمۇ؟ دۇنيادا نۇرغۇن ئادەملەردە مۇقەددەس كىتاب بار. مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەممە بۆلىكى ياكى مەلۇم بىر بۆلىكى بولسۇن، 2300 دىن ئارتۇق تىلدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىسى بىر مىليون پارچىدىن كۆپرەك مۇقەددەس كىتاب تارقىتىلىدۇ. مەيلى مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەممە بۆلىكى ياكى مەلۇم بۆلىكى بولسۇن، ھازىرغىچە نەچچە مىليارد پارچە بېسىپ چىقىلغان. مۇقەددەس كىتابقا ئوخشاش كىتابدىن يەنە بىرى يوق.

«مۇقەددەس كىتابنىڭ يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان

مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپلىگەن تىللاردىكى يېڭى دۇنيا تەرجىمە نۇسخىلىرى

5 ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس كىتاب «خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان» (2-‏تىموتىي 3:‏16). ئۇ قانداق ئۇسۇلدا ئىلھاملاندۇرۇلغان؟ مۇقەددەس كىتاب ئۆزى:‏ «ئادەملەر قۇددۇس [مۇقەددەس] روھتىن باشلىنىپ، خۇدا تەرىپىدىن ئىلھام تېپىپ سۆز قىلدىلەر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ (2-‏پېترۇس 1:‏21). مۇنداق مىسال قىلايلى:‏ بىر دىرېكتورنىڭ خاتىرە يازىدىغان بىر كاتىپى بار بولۇپ، ھەردائىم خەت يازغاندا دىرېكتورنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ۋە كۆرسەتمىسىنى يازىدىكەن. شۇڭا، ئۇ ئەمەلىيەتتە كاتىپنىڭ خېتى ئەمەس، بەلكى دىرېكتورنىڭ خېتىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتاب ئۇنى يېزىپ قالدۇرغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوي-‏پىكىرى بولماستىن بەلكى خۇدانىڭكى ئوي-‏پىكىرىدۇر. شۇڭلاشقا، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتەن «خۇدانىڭ سۆزى» دۇر. — 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13.*

ماس كېلىش ۋە توغرىلىق

6 مۇقەددەس كىتاب 1600 يىل جەريانىدا يېزىپ خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ يازغۇچىلىرى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ياشىغان، ھەرخىل قاتلام كىشىلىرى بولۇپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىلىرى دېھقانلار، بېلىقچىلار، پادىچىلار، يەنە بەزىلىرى ھاكىملار ۋە پادىشاھلار ئىدى. خۇش خەۋەر يازغۇچى لۇقا كېسەل كۆرىدىغان تېۋىپ ئىدى. مۇقەددەس كىتابنىڭ يازغۇچىلىرى گەرچە ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان قاتلام كىشىلىرى بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتاب باشتىن-‏ئاخىرغىچە ئۆزئارا ماسلاشقان.#

7 مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەڭ بېشىدىكى ئالەمنىڭ يارىتىلىش قىسمى ئىنسانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىيلەر قىسمى پۈتكۈل يەرشارىنىڭ كەلگۈسىدە گۈزەل باغۇ-‏بوستان يەنى جەننەت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىتابنىڭ ھەرقايسى قىسمى خۇدانىڭ مەقسىتى قانداق ۋە ئۇ قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ دېگەنلەرنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ياردەم بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ ماس كېلىشچانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. پەقەت شۇلا بىز ئاللادىن كېلىشنى ئۈمىد قىلغان كىتابتۇر.

8 مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇماتلار ئىلىم-‏پەن نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قارىغاندا توغرا. ھەتتا ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇماتلارنى مۇقەددەس كىتاب دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەرمۇ بىلمەيتتى. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنىڭ لاۋىيلار دېگەن قىسمىدا بەزى قانۇنلار قەدىمكى ئىسرائىل خەلقىگە كېسەللەرنى باشقا ساغلام كىشىلەردىن ئايرىپ خەۋەر ئېلىش ۋە تازلىق ئىشلىرى توغرىسىدا بېرىلگەن. شۇ ۋاقىتتا ئەتراپتىكى قوشنا مىللەتلەر مۇشۇنداق ئىشلار توغرىسىدا ھېچ نېمە بىلمەيتتى. قەدىمدە يەرشارىنىڭ شەكلى توغرىسىدا خاتا كۆز قاراشلار بولغاندا، مۇقەددەس كىتاب ئۇ بىر چەمبەردەك ياكى شاردەك دەپ تىلغا ئالغان (يەشايا 40:‏22). مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:‏ يەرشارىنى «مۇئەللەققە [بوشلۇققا] ئېسپ قويۇپتۇر» دېگەن (ئايۇپ 26:‏7). ئەلۋەتتە، مۇقەددەس كىتاب ئىلىم-‏پەن دەرسلىك كىتابى ئەمەس. ئەمما، ئۇ ئىلىم-‏پەنگە مۇناسىۋەتلىك بەس-‏مۇنازىرە بولغاندا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن توغرا جاۋاب بېرىدۇ. بىز خۇدادىن كېلىشنى ئۈمىد قىلغان كىتاب، مۇشۇ ئەمەسمۇ؟!

9 مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇماتلار تارىخ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندىمۇ توغرا ۋە ئىشەنچىلىك. ئۇنىڭ مەزمۇنى تەپسىلىي ۋە ئېنىق. مەزمۇنلار پەقەت كىشى ئىسىملىرىنى تىلغا ئىلىپ قالماي، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىدۇ.% قەدىمكى نۇرغۇن تارىخشۇناسلار بىلەن مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، تارىخشۇناسلار ئۆز مىللىتىنىڭ جەڭ مەغلۇبىيەتلىرىنى ھەرگىز تىلغا ئالمايدۇ. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرى ناھايىتى سەمىمىي، ئۇلار ھەتتا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەغلۇبىيەتلىرىنى خاتىرىلىگەن. مەسىلەن ئالايلۇق، مۇقەددەس كىتابنىڭ سانلار قىسمىدا، ئۇنىڭ يازغۇچىسى مۇسا پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ئېغىر خاتالىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (سانلار 20:‏2-‏12). شۇنىڭدەك سەمىمىيلىك تارىخى خاتىرىلەردە كەم ئۇچرايدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتابتىن تېپىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللادىن كەلگەن كىتاب.

كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ئەقىل-‏پاراسەت كىتابى

10 مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغاچقا، ئۇ «تەلىم بەرگىلى، مالامەت قىلغىلى [ئەيىبلىگىلى]، تۈزەتكىلى…پايدىلىقتۇر» (2-‏تىموتىي 3:‏16). شۇنداق، مۇقەددەس كىتاب كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان كىتاب. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان كىتاب ئىكەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ مۇئەللىپى ياراتقۇچى ئاللا يەھۋا! ئۇ بىزنىڭ ئوي-‏خىياللىرىمىز ۋە ھېسسىياتلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە قارىغاندا ياخشىراق چۈشىنىدۇ. شۇنداقلا، پەرۋەردىگار يەھۋا خۇشال بولۇشىمىز ئۈچۈن نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ۋە يەنە قايسى ئەگرى-‏توقاي يولدىن يىراق ياشىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.

11 مۇقەددەس كىتابنىڭ مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر قىسمىدا 5-‏بابدىن 7-‏بابىغىچە خاتىرىلەنگەن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تاغدىكى ۋەز ئېيتىش دەپ ئاتالغان نۇتقىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. ئۇنىڭ مۇشۇ مەشھۇر نۇتقىدا، ئەيسا بىر قانچە مۇھىم تېما توغرىسىدا سۆزلىگەن. ئۇلار — ھەقىقىي خۇشاللىق تېپىشنىڭ يولى؛ تالاش-‏تارتىشلارنى قانداق ھەل قىلىش؛ قانداق دۇئا-‏تىلاۋەت قىلىش؛ تۇرمۇشتا كېرەكلىك ماددىي نەرسىلەرگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىھ ئەيسانىڭ سۆزلىرى ئىلگىرى نۇتۇق سۆزلەنگەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندە ھەم كۈچكە ئىگە ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

12 مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى قائىدە-‏قانۇنلار ئائىلە تۇرمۇشى، خىزمەت ۋە كىشىلىك ئالاقىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇقەددەس كىتاب قائىدە-‏قانۇنلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر ھەردائىم پايدىلىقتۇر. مۇقەددەس كىتابتىكى ئەقىل-‏پاراسەتلەرنى، خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسىلىگەن:‏ «مەنپەئەتلىك بولىدىغاننى ساڭا ئۆگىتىپ…قويغۇچى بولغان تەڭرىڭ خۇداۋەندە مەندۇرمەن». — يەشايا 48:‏17.

ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەر كىتابى

13 مۇقەددەس كىتاب نۇرغۇن ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپىنچىلىرى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولدى. بىر مىسالنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى، مىلادىدىن ئىلگىرى 8-‏ئەسىردە ياشىغان يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق پەرۋەردىگار يەھۋا بابىلون شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەن (يەشايا 13:‏19؛ 14:‏22، 23). بېشارەتتە ئېيتىلغان ئاشۇ شەھەرنىڭ قانداق ئىگەللەنگەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلاتلار ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەر بابىلون شەھىرىنىڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ، ئۇرۇش قىلمايلا شەھەرگە بېسىپ كېرىدۇ دېيىلگەن. ھەتتا، يەشايا پەيغەمبەر كەلگۈسىدە بابىلوننى ئىشغال قىلماقچى بولغان پادىشاھنىڭ ئىسمى — كۇرس دەپ ئاتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن. — يەشايا 44:‏27-‏45:‏2.

مۇقەددەس كىتابنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان يەشايا پەيغەمبەر بابىلوننىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان

بابىلوننىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئادەم

14 تەخمىنەن 200 يىلدىن كېيىن، يەنى مىلادىدىن ئىلگىرى 539-‏يىلى 10-‏ئاينىڭ 5-‏كۈنى يېرىم كېچىدە، بىر قوشۇن بابىلون شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا چېدىر تىككەن. كىم قوشۇننىڭ باشلىقى بولغان؟ دەل پارس پادىشاھى كۇرس ئىسىملىك كىشى بولغان. ئاشۇ ۋاقىت، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىش شارائىتى پۈتۈنلەي ھازىر بولغان. ئەمما، كۇرسنىڭ ئەسكەرلىرى ئالدىن ئېيتىلغاندەك ئۇرۇش قىلمايلا بابىلونغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنمۇ؟

15 شۇ كۈنى كېچىسى بابىلونلىقلار بىخەتەرلىكنى قوغداشنى شەھەرنىڭ ھەيۋەت سېپىل تاملىرىغا تاپشۇرۇپ، بەھۇزۇر بىر بايرام ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتتا، كۇرس ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ سۈيىنى باشقا يۆنىلىشكە باشلىۋەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي دەريا سۈيى تېيىزلاپ ئۇنىڭ ئادەملىرى دەريانى كېچىپ ئۆتۈپ، شەھەرنىڭ سېپىل تاملىرىغا يېقىنلاشتى. بىراق، كۇرسنىڭ ئەسكەرلىرى قانداق قىلىپ بابىلوننىڭ شەھەر سېپىل تاملىرىدىن ئۆتەلىگەن؟ ئەسلىدە، شۇ كۈنى كېچىسى شەھەر دەرۋازىسى بىخەستەلىكتىن ئوچۇق قالغان ئىدى.

16 بابىلون توغرىسىدا:‏ «ئەبەدغىچە ياسالماي تۇرۇپ، نەسىلدىن-‏نەسىلگە ئاۋات بولماي قېلىپ، خاھ [ياكى] بىر ئەرەب ئۇندا [ئۇ يەردە] چېدىر تىكمەس، خاھ پادىچىلار ئۇندا مال ياتقۇزماس» دەپ ئالدىن بېشارەت ئېيتىلغان (يەشايا 13:‏20). بېشارەتتە پەقەت ئاشۇ شەھەرنىڭ مۇنقەرز بولۇشى توغرىسىدا ئېيتىلىپ قالماي، يەنە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقىمۇ ئېيتىلغان. يەنى بابىلون شەھىرىنىڭ مەڭگۈلۈك قاقاس-‏چۆللۈككە ئايلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بېرىلگەن. سىز ھېلىھەم ئاشۇ بېشارەتنىڭ ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرەلەيسىز. قەدىمكى بابىلوننىڭ خارابىسى — ئىراق پايتەختى باغدات شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ھازىر ئۇ جايدا ئادەم ياشىمايدۇ. مۇشۇ پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق:‏ ئۇنى «ھالاكەتنىڭ سۈپۈرگىسى بىلەن سۈپۈرۈپ ئاتۇرمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. — يەشايا 14:‏22، 23.^

بابىلون شەھىرىنىڭ خارابىسى

بابىلون شەھىرىنىڭ خارابىسى

17 ئويلاپ بېقىڭە، مۇقەددەس كىتاب كىشىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچەيتىدىغان ئاجايىپ ئىشەنچىلىك بېشارەت كىتابى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئاللا يەھۋا راستتىنلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا، بىز ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھەم يەرشارىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچ قىلالايمىز (سانلار 23:‏19). «يالغان ئېيتالمايدىغان خۇدا ئەزەلقى ۋاقىتلاردىن ئىلگىرى ۋەدە قىلغان ئەبەدىي تىرىكلىكنىڭ ئۈمىدى» ھەقىقەتەن بىزدە بار. — تىتۇس 1:‏3.**

«خۇدانىڭ سۆزى تىرىك»

18 مۇشۇ بابتا بىز مۇلاھىزە قىلغان مەلۇماتلاردىن مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەقىقەتەن تەڭداشسىز كىتاب ئىكەنلىكى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ مەلۇماتلىرى باش-‏ئاخىرى ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىم-‏پەن ۋە تارىخ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قارىغاندا ناھايىتى توغرا. مۇقەددەس كىتابتا ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان ئەقىل-‏پاراسەت ۋە ئىشەنچىلىك بېشارەت مۇجەسسەملەشكەنلىكى سەۋەبلىك ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ تەسىركۈچى ناھايىتى زوردۇر. مۇقەددەس كىتابتا ئەلچى پاۋلۇس:‏ «خۇدانىڭ سۆزى تىرىك ۋە كۈچلۈكتۇر ۋە ئىككى بىسلىق قىلىچدىن ئىتتىكرەك بولۇپ جاننى ۋە روھنى ۋە بېغىشلارنى ۋە يىلىكنى جۇدا قىلغۇچە [ئايرىۋەتكۈچە] ئۆتۈپ كۆڭۈلنىڭ پىكىرى بىلەن نىيەتلىرىنى تەپتىش قىلار» دەپ ئېيتقان. — ئىبرانىيلار 4:‏12.

19 مۇقەددەس كىتابتىكى خۇدانىڭ «سۆزى» ياكى ئۇچۇرىنى ئوقۇش، بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۆز قەلبىمىزنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلالايدۇ. بەلكىم، بىز خۇدانى سۆيىمەن دېيىشىمىز مۇمكىن. بىراق، خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن سۆزى — مۇقەددەس كىتابقا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز، بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئوي-‏خىياللىرىمىزنى ھەتتا ھەقىقىي نىيەتلىرىمىزنى ئاشكارا قىلىدۇ.

20 مۇقەددەس كىتاب — ھەقىقەتەن يەھۋادىن كەلگەن كىتاب. ئۇ ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان كىتاب. داۋاملىق مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل ئىزدىنىپ ئوقۇش ئارقىلىق مۇشۇ مۇقەددەس سوۋغات ئۈچۈن ئۆز مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مەقسىتى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز. كېيىنكى بابتا، خۇدانىڭ مەقسىتى نېمە ۋە قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بولغان كىتاب. ئۇ توغرا ۋە ئىشەنچىلىكتۇر. — 2-‏تىموتىي 3:‏16.
  • تەڭرى يەھۋانىڭ مۇقەددەس كىتابىدىكى ئۇچۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە. — يەشايا 48:‏17.
  • خۇدانىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلىرى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. — سانلار 23:‏19.

*  بەزى ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزى مۇقەددەس كىتاب ئۆزگەرتىلگەن دەيدۇ. ئەمما شۇنداق جاكارلاش توغرا ئەمەس. قۇشۇمچە ئىزاھاتتا خۇدا سۆزىنىڭ ئۆزگەرتىلمىگەنلىكى توغرىسىدا بەزى مەلۇمات بار.

#  گەرچە بەزى ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى بۆلىكى يەنە باشقا بۆلىكى بىلەن زىت كېلىدۇ دېسىمۇ، ئاشۇ سۆزلىرىنىڭ ئىسپاتى يوق. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مۇقەددەس كىتاب — خۇدانىڭ سۆزىمۇ ياكى ئىنسانىڭمۇ؟» دېگەن كىتابنىڭ 7-‏بابىنى كۆرۈڭ.

%  مەسىلەن، لۇقا 3:‏23-‏38-‏ئايەتلەرگە قاراڭ. ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ نەسەبنامىسى توغرىسىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېنىق خاتىرىلەنگەن.

^  مۇقەددەس كىتابتىكى ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەر توغرىسىدا كۆپرەك ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «ھەممە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر كىتاب» دېگەن كىتابچىنىڭ 27-‏29-‏بېتىغىچە قاراڭ.

**  بابىلوننىڭ ۋەيران قىلىنىشى مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنىڭ پەقەتلا بىر مىسالى. تىر ۋە نىنەۋى شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى توغرىسىدا يەنە باشقا مىساللار بار (ھەزقىيال 26:‏1-‏5؛ سەفنىيا 2:‏13-‏15). مۇقەددەس كىتابتا، يەنە دانىيال پەيغەمبەر بابىلوندىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان دۇنيا كۈچلىرى بولغان مېدىيا بىلەن پارىس ۋە يۇنان پادىشاھلىقلىرىنىڭ غەلىبىلىرى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەن (دانىيال 8:‏5-‏7؛ 20-‏22). قۇشۇمچە ئىزاھاتتا بېرىلگەن، مەسىھ ئەيسا بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارغا قاراڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى خۇدادىن كەلگەن كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سوۋغات دەيمىز؟

3. بىزگە سوۋغات سۈپىتىدە بېرىلگەن مۇقەددەس كىتاب تەڭرى يەھۋا توغرىسىدا نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؟

4. مۇقەددەس كىتابنىڭ تارقىتىلىشى سىزنى قانداق ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ؟

5. مۇقەددەس كىتاب قانداق ئۇسۇلدا ‹خۇدا تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرلۇپ› يېزىلغان؟

6، 7. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇماتلارنىڭ ئۆزئارا ماس كېلىشى كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققەت ئېتىبارىنى تارتىدۇ؟

8. مىسال ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇماتلارنىڭ ئىلىم-‏پەن نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىڭ.

9. (1) قايسى جەھەتتىن مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇماتلار ئۆزىنىڭ تارىخ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قارىغاندا توغرا ۋە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟ (2) مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرىنىڭ سەمىمىيىتى بىزگە مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟

10. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەمەلىي ئىشلىتىشچان كىتاب ئىكەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس؟

11، 12. (1) ھەزرىتى ئەيسا تاغدا ۋەز ئېيتقاندا قايسى تېمىلاردا سۆزلىگەن؟ (2) مۇقەددەس كىتابتا قايسى باشقا ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان مەسلىھەتلەر بار؟ نېمە ئۈچۈن ئاشۇ مەسلىھەتلەر دائىم پايدىلىق؟

13. پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن يەشايا پەيغەمبەر بابىلون شەھىرى توغرىسىدا قانداق تەپسىلاتلارنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن؟

14، 15. يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بابىلون توغرىسىدا ئېيتقان بېشارىتدىكى بەزى تەپسىلاتلار قانداق ئەمەلگە ئاشتى؟

16. (1) بابىلوننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يەشايا پەيغەمبەر قانداق بېشارەتنى ئالدىن ئېيتقان؟ (2) بابىلوننىڭ قاقاس-‏چۆللۈككە ئايلىنىشى توغرىسىدىكى بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟

17. مۇقەددەس كىتابنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟

18. مۇقەددەس كىتابتا ئەلچى پاۋلۇس «خۇدانىڭ سۆزى»نى قانداق كۈچلۈك ئىزاھلىدى؟

19، 20. (1) مۇقەددەس كىتاب ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈشىڭىز ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (2) خۇدانىڭ بىباھا سوۋغىتى بولغان مۇقەددەس كىتابقا قانداق قىلىپ ئۆز مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرەلەيسىز؟